رۇسىيە پىرېزىدېنت سارىيى (كىرېمىل) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت پۇتىن كۇرىل ئاراللىرى زەنجىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىتۇرۇپ ئارىلىنى زىيارەت قىلغان. پۇتىن زىيارەت جەريانىدا بۇ يەردىكى بېلىق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، كۇرىل مەركىزىي رايونلۇق دوختۇرخانىسى ۋە بىر مەكتەپتە تەكشۈرۈشتە بولغان. زىيارەتتە ساخالىن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋالېرىي لىمائېنكو پۇتىنغا ھەمراھ بولغان.
تەۋسىيە
رۇسىيەنىڭ ساخالىن ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئىتۇرۇپ ئارىلى كۇرىل ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. كۇرىل ئاراللىرى ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ئاخىرلاشقۇچە ياپونىيەنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان بولۇپ، 1945-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن ئىدى.






















