خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
فرانسىيە ۋە 25 دۆلەت ئىراننىڭ نامايىشچىلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنى ئەيىبلىدى
ئورتاق باياناتتا، تېھرانغا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ھەممەيلەننى قويۇپ بېرىش چاقىرىقى قىلىندى.
فرانسىيە ۋە 25 دۆلەت ئىراننىڭ نامايىشچىلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنى ئەيىبلىدى
فرانسىيە ۋە 25 دۆلەت ئىراننىڭ نامايىشچىلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنى ئەيىبلىدى / Reuters

فرانسىيە ۋە 25 دۆلەت بىلەن بىرگە ب د ت تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى، چارشەنبە كۈنى، ئىراننىڭ نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ۋە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشىنى «ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە» ئەيىبلىدى.

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئۆكتىچىلەرنى جىمىقتۇرۇش، جەمئىيەتكە ۋەھىمە سېلىش ۋە شەخسلەرنى ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبىدىن جازالاش ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىشلىتىلىشى ھېچقاچان ھەقلىق كۆرسىتىلمەيدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئىمزا قويغان دۆلەتلەر، ئىران خەلقىنىڭ پىكىر ئىپادە ئەركىنلىكىنى ۋە تىنچلىق بىلەن توپلىشىش ھوقۇقلىرىنى قورقۇنچ ھېس قىلماي ئىشلىتەلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ئىران ھاكىمىيىتىنى، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى دەرھال توختىتىشقا ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ھەممەيلەننى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىدۇ» دېدى.

باياناتتا يەنە ئىراننىڭ ئۆزگىرىش تەلەپ قىلىۋاتقان خەلقىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ئېتىبار بېرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەمەلىي قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ چاقىرىق قىلىندى.

باياناتنى فرانسىيە، كانادا، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، دانىيە، ئىسپانىيە، يېڭى زېلاندىيە، گوللاندىيە، پورپۇگالىيە، شۋېتسىيە ۋە ئەنگىلىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردىن باشقا يەنە ب د ت تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كاجا كاللاسمۇ ئىمزالىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بولسا كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارالىق قانۇن مەسىلىسىدىكى باياناتلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر دۆلەتلەرنى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، X تا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا: «فرانسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارالىق قانۇن دەرسلىرى بېرىشنى توختىتىشى كېرەك. ئىككى يۈزلىمىچىلىك ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئورۇنسىزدۇر. غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللىشىڭلار ۋە ئىرانغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا ئارتىۋالغان بارلىق ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكنى يوقاتتى» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US can let Iran fail economically or 'hit them really hard': Trump



ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»