مەدەنىيەت
1 مىنۇت ئوقۇش
مىليونلارچە مۇسۇلمان، ھەج ئىبادىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان بىر پەيتتە ئاراپاتتا جەم بولدى
ئىككى مىليونغا يېقىن مۇسۇلمان ھاجى، يىللىق ھەج ئىبادىتىنىڭ مېراجى ھىسابلىنىدىغان ئاراپاتتا بىر يەرگە جەم بولدى.
مىليونلارچە مۇسۇلمان، ھەج ئىبادىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان بىر پەيتتە ئاراپاتتا جەم بولدى
مىليونلارچە مۇسۇلمان، ھەج ئىبادىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان بىر پەيتتە ئاراپاتتا جەم بولدى / Anadolu Agency

تەخمىنەن 2 مىليون مۇسۇلمان ھاجى، سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىدىكى ئاراپات رايونىغا يۈزلەندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ (SPA) يەتكۈزۈشىچە، ئاممىنى تەستىقلانغان پىلانلار بويىچە باشقۇرۇش ئۈچۈن لىنىيەلەر ۋە پىيادىلەر يوللىرى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ي ھاجىلار كارۋانلىرى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇلغان.

ئاگېنتلىق، ھاجىلارنىڭ مىنادىن ئاراپاتقا ئۆتۈش جەريانىدا قاتناشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ھاجىلار ئاراپاتتا پېشىن ۋە ئەسر نامازلىرىنى نەمىرە مەسچىتىدە جەم قىلىپ (بىرلەشتۈرۈپ) ۋە قىسقارتىپ ئوقۇيدۇ.

قۇياش پاتقان چاغدا مۇزدەلىپەگە بارىدۇ ۋە بۇ يەردە شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزىدۇ.

ھەج ئىبادىتى، ھاجىلارنىڭ دۈشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىدىكى مىناغا يېتىپ بېرىشى بىلەن، ئىبادەتنى قولايلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان ئەتراپلىق مۇلازىمەتلەر ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا رەسمىي باشلانغان ئىدى.

تۆت كۈنلۈك ھەج مۇساپىسى؛ سەيشەنبە كۈنىدىكى ئاراپاتتا تۇرۇش، مۇزدەلىپەدە تۈنەش، سىمۋوللۇق شەيتانغا تاش ئېتىش ۋە مەككىدىكى مەسجىدى ھەرامدا كەئبىنى ۋىدا تاۋاپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەج، ئىسلام ئېتىقادىنىڭ تۈپ ئۇقۇملىرىنى سىمۋول قىلىدىغان ھەمدە ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ سىناقلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر يۈرۈش ئىبادەتلەردىن تەركىب تاپىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان مەسئۇللىرى، 2026-يىللىق ھەج مەۋسۇمى ئۈچۈن ھاجىلارنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش ۋە مۇقەددەس جايلارغا رۇخسەتسىز كىرىشلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، كۆزىتىش تېخنىكىلىرى ۋە ئاممىنى نازارەت قىلىش سىستېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىللەش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كېڭەيتتى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى