شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى ئىجراھىيە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى سەلچۇق ئىسكەندەر ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى بەش ئېيىدا تىرابزوندىن 625 مىليون 282 مىڭ، رىزەدىن 101 مىليون 145 مىڭ، گۈمۈشخانەدىن 65 مىليون 290 مىڭ، ئارتۋىندىن 39 مىليون 451 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسكەندەر ئېكسپورتتا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا تىرابزوندا 12 پىرسەنت، رىزەدە 31 پىرسەنت، گۈمۈشخانەدە 76 پىرسەنت ۋە ئارتۋىندە 26 پىرسەنت ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىنغان ساھەلەرنىڭ بېشىدا 437 مىليون 615 مىڭ دوللار بىلەن فوندۇق كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىسكەندەر، ئۇنىڭدىن قالسا 135 مىليون 466 مىڭ دوللار بىلەن كان مەھسۇلاتلىرى ۋە مېتاللار، 88 مىليون 278 مىڭ دوللار بىلەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، 67 مىليون 758 مىڭ دوللار بىلەن يېڭى پىشقان مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
شەرقىي قارادېڭىزدىن بۇ مەزگىلدە 115 دۆلەتكە مال سېتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىسكەندەر، ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىنغان ئالدىنقى بەش دۆلەتنىڭ ئىتالىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە، گىرۇزىيە ۋە فىرانسىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئېكسپورت ئەڭ كۆپ ئاشقان دۆلەتنىڭ 96 پىرسەنت بىلەن گېرمانىيە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىسكەندەر، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە، فىلىپپىن، ھىندونېزىيە، ئەلسالۋادور، ئارگېنتىنا ۋە سۇدان قاتارلىق 13 دۆلەتكىمۇ ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



















