تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن تاشقى سودا مىنىستىرلىقى ھەمكارلىشىپ تەييارلىغان ئىيۇل ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ۋاقىتلىق تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىندى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئومۇمىي سودا سىستېمىسى (GTS) دائىرىسىدە ئېكسپورت ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %2.9 ئېشىپ 25 مىليارد 623 مىليون دوللارغا، ئىمپورت بولسا %5.1 ئېشىپ 32 مىليارد 966 مىليون دوللارغا يەتكەن.
تاشقى سودا قىزىل رەقىمى ئىيۇل ئېيىدا يىللىق ئاساستا %13.6 ئېشىپ، 6 مىليارد 463 مىليون دوللاردىن 7 مىليارد 343 مىليون دوللارغا يەتكەن. ئېكسپورتنىڭ ئىمپورتنى قامداش نىسبىتى 2025-يىلى ئىيۇلدا %79.4 بولغان بولسا، ئالدىنقى ئايدا %77.7 كە چۈشۈپ قالغان.
يانۋار-ئىيۇل مەزگىلىدە بولسا، ئېكسپورت ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %3.4 ئېشىپ 161 مىليارد 539 مىليون دوللارغا، ئىمپورت بولسا %4.7 ئۆرلەپ 222 مىليارد 85 مىليون دوللارغا يەتكەن.


















