تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇئىراقنىڭ تۈركىيەنى كۈنىگە 1 مىليون ۋارىلغىچە نېفىت بىلەن تەمىنلەش نىشانى، جەيھان پورتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق نېفىتىنى دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ

ئىراقنىڭ تۈركىيەگە كۈنىگە 1 مىليون ۋارىلغىچە نېفىت بىلەن تەمىنلەش نىشانى، ئىراق – تۈركىيە خام نېفىت تۇرۇبا يولىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە جەيھان پورتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق نېفىتىنى دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈشتىكى رولىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ دائىرىدە، ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى فالىھ ئەززەيدىنىڭ 28-ئىيۇلدا تۈركىيەنى كۈنىگە 1 مىليون ۋارىلغىچە نېفىت بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، ئىراقنى ئەنقەرەنىڭ ئېنېرگىيە مەركىزى بولۇش ئىستراتېگىيەسىدىكى ھالقىلىق شېرىكلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.

بۇ باياناتتىن بىرنەچچە كۈن كېيىن، جەيھانغا توشۇلىدىغان ئىراق نېفىتىنىڭ مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان ئەمەلىي قەدەم تاشلاندى. تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا 1-ئاۋغۇستتا ئىمزالانغان بىر يىللىق كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىراق – تۈركىيە خام نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق جەيھانغا كۈنىگە كەم دېگەندە 750 مىڭ ۋارىل خام نېفىت توشۇش ۋە يۈكلەش پىلانلانماقتا.

شۇنداق قىلىپ، كۈنىگە تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭ ۋارىللىق تېخنىكىلىق ئىقتىدارغا ئىگە تۇرۇبا يولىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش نىشان قىلىنماقتا. كەلگۈسىدە كۇۋەيت ۋە باشقا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان نېفىتنىڭمۇ مۇشۇ لىنىيە ئارقىلىق دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈلۈشى كۆزدە تۇتۇلماقتا. بۇ پىلان، بولۇپمۇ ھورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق نېفىت توشۇشتا كاشىلا كۆرۈلۈۋاتقان ۋە باشقا ئېكسپورت يوللىرىنىڭ ئەھمىيىتى ئېشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئەنقەرەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىلەن غەرب بازارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە كارىدورى رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

bۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە، تۈركىيە نېفىت شىركىتىنىڭ (TPAO) 2028-يىلى كۈنىگە تەخمىنەن 500 مىڭ ۋارىلغا يېتىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى، ئوتتۇرا مەزگىلدە 1 مىليون ۋارىلغا يەتكۈزۈش نىشانى بويىچە چەت ئەللەردىكى پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتمەكتە. تۈركىيە نېفىت شىركىتى  28-ئىيۇلدا كەركۈكتىكى نېفىتلىكلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا شېرىك بولغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
پاكىستان ئالىي سوتى قاماقتىكى سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاننى دوختۇرخانىغا يۆتكەشنى بۇيرۇدى
ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال ئۆلكىسىدىكى مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 9 كىشى ئۆلدى
خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە بىنا تېمى ئۆرۈلۈپ، 5 كىشى ئۆلدى
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىنى «ئامېرىكا زېمىنى» دەپ كۆرسەتكەن بىر خەرىتىنى ھەمبەھىرلىدى
تۈرك-ئامېرىكا تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى تۈركىيەگە F-35 سېتىشنى قوللاشقا چاقىردى
سۈرىيەدە تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا لىنىيەسىدە پارتلاش يۈز بەردى
لاۋروۋ: رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە يېڭى، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلماقتا
گۆلجۈكتە «كۆك ۋەتەن» قىزغىنلىقى: تېكنوفېستقا تىزىملىتىش باشلاندى
ئاۋسترالىيە بىلەن  ياپونىيە ھەربىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
گېرمانىيەدىكى پورت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى نۇرغۇن پورتلارغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
ئۇكرائىنانىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىشلىتەلمەيۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
فىرانسىيە ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بەرگەن تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى
جەنۇبىي كورېيە 2030-يىلغىچە قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئامېرىكادىن قايتۇرۇۋېلىشنى پىلانلىماقتا
ئاراقچى: ئىران–ئامېرىكا ئورتاق تونۇشىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىسرائىلىيە
كرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرامدۇ؟