كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ پايتەخت كىيېۋغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. كلىچكونىڭ باياناتىغا قارىغاندا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن ھۇجۇمدا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 33 كىشى يارالانغان. شەھەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدا ئېغىر ۋەيرانچىلىق كۆرۈلگەن بولۇپ، سولوميانسك رايونىدىكى بىر بالىلار دوختۇرخانىسىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان.
ئۇكرائىنا دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسى سۋىياتوشىنسكىي، دارنىتسكىي ۋە سولوميانسك رايونلىرىدا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ جىتومىر رايونىغىمۇ ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇم نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 40 كىشى يارالانغان، رايونلۇق بىر ساقچىخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

















