سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى برۇنو رودرىگۇئېز ئامېرىكانىڭ يېڭى ئېمبارگولىرىنى ئەيىبلەپ، بۇ قارارنى ئۆز دۆلىتىگە قارىتىلغان «مۇۋەپپەقىيەتسىز بىر ئادەت» دەپ سۈپەتلىدى.
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى

كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى برۇنو رودرىگۇئېز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۇباغا قاراتقان يېڭى ئېمبارگولىرىنىڭ خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رودرىگۇئېز ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ كۇبادىكى كانچىلىق، تاشقى سودا ۋە مېتاللورگىيە ساھەلىرىنى نىشان قىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونى كۇبا ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلققە ئاساسىي مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىشىنى توسۇش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن رودرىگۇئېز مۇنداق دېدى: «بۇ ئېمبارگولار، بولۇپمۇ كۇبادىكى خۇسۇسىي كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار تەرىپىدىن تەمىنلىنىدىغان يېمەك-ئىچمەك، دورا-دەرمەك ۋە تېببىي ئۈسكۈنىلەر قاچىلانغان كونتېينېرلارنىڭ توشۇلۇشىغا توسالغۇ بولماقتا».

برۇنو رودرىگۇئېز مەزكۇر ئېمبارگولارنى كۇباغا قارىتىلغان «مۇۋەپپەقىيەتسىز بىر ئادەت» دەپ سۈپەتلەپ، كۇبا خەلقلەر دوستلۇق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇدا   60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان خەلقئارالىق ھەمكارلىق، ئادالەت ۋە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ چىرىك سىياسىتىگە پۈتۈنلەي زىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا كۇباغا قارىتا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى دائىرىسىدە، تۈنۈگۈن كانچىلىق، تاشقى سودا ۋە مېتاللورگىيە ساھەلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار كىشىلەر ھەمدە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 دۆلەت ئورگىنىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ئۆلدى
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ساقچى پونكىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 9 غا يەتتى
«تېكنوفېست ماۋى (كۆك) ۋەتەن 2026» بۈگۈن باشلىنىدۇ
تۈركىيە:گىرېتسىيەنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى ئەگە دېڭىزىدىكى قانۇنىي مەيدانىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى
ترامپ: ئىرانغا ياردەم قىلغان دۆلەتلەرگە غايەت زور ئىقتىسادىي جازالارنى يۈرگۈزىمىز
پەزەشكىيان: دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىمىز
تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا كانچىلىق ساھەسىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىلدى
بىرازىلىيەدە يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كېتىپ 21 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېرز ئىسرائىلىيە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى بېن گۋىرنى قاتتىق ئەيىبل
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكايىچى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
زېلېنسكىي: رۇسىيەنىڭ خېرسوندا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى