ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ باياناتچىسى ھۈسەيىن مۇھىببى ئەگەر يېڭى بىر ئۇرۇش پارتلىسا، ئىراننىڭ ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان ۋە «تېخىمۇ ۋەيران قىلغۇچ قوراللار» نى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇھىببى دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارى ھەققىدە توختالغان.
ئىرانلىق باياناتچى ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ئىشلىتىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ پارتلاتقۇچ بېشىنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچىنىڭ ئىلگىرىكى ئۇرۇشلاردىكى ئەۋرىشكىلەردىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن:
«يېڭى بىر ئۇرۇش چىققان تەقدىردە، بىزنىڭ قوراللىرىمىز ئىلگىرىكىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولىدۇ. بۇ پەرق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ پارتلاتقۇچ باشلىرىنىڭ تۈرى، نىشانغا تېگىش ئېنىقلىق دەرىجىسى، مۇساپىسى ياكى باشقا تېخنىكىلىق ساھەلەردە كۆرۈلىدۇ.»
ئۇ يەنە ئىراننىڭ قورال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە ھەر قانداق بىر توختاپ قېلىشقا يول قويمىغانلىقىنى، ھەربىي قوراللارنىڭ كۈنسايىن تېخىمۇ سەزگۈر، تېخىمۇ ۋەيران قىلغۇچ ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان ھالەتكە كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.















