خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسىدىكى بىر سودا سارىيىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە كەم دېگەندە 8 كىشى ئۆلۈپ، 3 كىشى يارىلاندى.
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى / Reuters

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسى چىنخۇاڭداۋ شەھىرىنىڭ خەيگاڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان بىر سودا سارىيىدا پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن باشلانغان ئوت ئاپىتىدە كەم دېگەندە سەككىز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۈچ كىشى يارالانغان.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش، ساقچى، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە سەھىيە ئەترەتلىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان. ئاپەت بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تولۇق ئۆچۈرۈلگەن. يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
پاكىستان ئالىي سوتى قاماقتىكى سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاننى دوختۇرخانىغا يۆتكەشنى بۇيرۇدى
ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال ئۆلكىسىدىكى مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 9 كىشى ئۆلدى
خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە بىنا تېمى ئۆرۈلۈپ، 5 كىشى ئۆلدى
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىنى «ئامېرىكا زېمىنى» دەپ كۆرسەتكەن بىر خەرىتىنى ھەمبەھىرلىدى
تۈرك-ئامېرىكا تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى تۈركىيەگە F-35 سېتىشنى قوللاشقا چاقىردى
سۈرىيەدە تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا لىنىيەسىدە پارتلاش يۈز بەردى
لاۋروۋ: رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە يېڭى، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلماقتا
گۆلجۈكتە «كۆك ۋەتەن» قىزغىنلىقى: تېكنوفېستقا تىزىملىتىش باشلاندى
ئاۋسترالىيە بىلەن  ياپونىيە ھەربىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
گېرمانىيەدىكى پورت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى نۇرغۇن پورتلارغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
ئۇكرائىنانىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىشلىتەلمەيۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
فىرانسىيە ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بەرگەن تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى
جەنۇبىي كورېيە 2030-يىلغىچە قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئامېرىكادىن قايتۇرۇۋېلىشنى پىلانلىماقتا
ئاراقچى: ئىران–ئامېرىكا ئورتاق تونۇشىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىسرائىلىيە
كرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرامدۇ؟