تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بۈيۈك رەھبەر مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 88-يىللىقىدا ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مۇراسىمى بىلەن ياد ئېتىلدى.
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئەتىگەن سائەت 08:45 تە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ شىرلىق كوچىسىدا مېڭىشى بىلەن باشلاندى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى ئالىي دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى، ئاتاتۈرك ۋاپات بولغان سائەت 09:05 تە مەقبەرە ئالدىدا سۈكۈتتە تۇردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك گۈللەردىن ياسالغان ئاي-يۇلتۇزلۇق گۈلچەمبىرەكنى ئاتاتۈركنىڭ مەقبەرىسىگە قويدى. ئاتاتۈرك ئالەمدىن ئۆتكەن دەقىقىدە 1 مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇلۇپ، ئارقىدىن مۇستەقىللىق مارشى ئوقۇلدى. سۈكۈتتە تۇرۇش ئەسناسىدا تۈغدىكى تۈركىيە بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارايى مەخسۇس خاتىرە دەپتىرىگە مۇنداق يازدى:
«ئەزىز ئاتاتۈرك، باقىي دۇنياغا سەپەر قىلغانلىقىڭىزنىڭ 88-يىللىقىدا سىزنى، سەپداشلىرىڭىزنى، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان غازى پارلامېنتىمىزنىڭ مۇھتەرەم ئەزالىرىنى، ۋەتىنىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇق مۆھۈرلىرى بولغان شېھىتلىرىمىزنى ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن غازىلىرىمىزنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمىز.
رايونىمىز ۋە دۇنيا تۈرلۈك كىرىزىسلار ئىچىدە تىركىشىۋاتقان مۇشۇ مۇرەككەپ مەزگىلدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى 86 مىليون پۇقراسى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ گۈللەنگەن كېلەچەككە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرىمىزنى ئىشقا سالدۇق. خەلقىمىز بىلەن غايە ۋە نىشان بىرلىكى ئىچىدە، شېھىت ۋە غازىلىرىمىزنىڭ مۇقەددەس ئامانىتى بولغان بۇ جەننەت ۋەتىنىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز. ياتقان يېرىڭىز جەننەت بولسۇن.»




















