خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ ئېغىر بەدەلنى بالىلار تۆلمەكتە
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھۇجۇملىرىدا ئەڭ ئېغىر بەدەلنى كىچىك بالىلار تۆلىدى.
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ ئېغىر بەدەلنى بالىلار تۆلمەكتە
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ ئېغىر بەدەلنى بالىلار تۆلمەكتە

خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بالىلارنى قوغداش ئاستىغا ئالغان بولسىمۇ، بۇ قوغداش غەززە رايونىدا نە بۆشۈكتىكى بوۋاقلار ۋە نە باشقا بالىلار ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئەمەلىي نەتىجە بەرمىدى.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىۋاتقان بۇ رايوندا ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئېغىر بەدىلىنى كىچىككىنە جەسىتى بىلەن بوۋاقلار ۋە بالىلار تۆلىمەكتە.

21 مىڭ 745 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى

«كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەركىزى» نىڭ ھۇجۇملارنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا بالىلارنىڭ ئۆلۈمىگە ئائىت ئېلان قىلغان دوكلاتى، ئۇرۇشنىڭ نارەسىدە بالىلار ئۈستىدىكى رەھىمسىز تەسىرىنى روشەن بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويماقتا.

دوكىلاتقا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى باشلىغان 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدا 18 ياشتىن تۆۋەن 21 مىڭ 745 بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 46 مىڭ بالا يارىلانغان.

مەزكۇر 46 مىڭ بالىنىڭ 11 مىڭى ئانگەن يارىسى ۋە تېبابەتچىلىك جەھەتتىن كەمچىلىكلەر سەۋەبىدىن ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ پۇت-قولى كېسىلگەن مېيىپلارغا ئايلانغان.

123 بالا ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن قازا قىلدى

ئاسماندىن ياغقان بومبىلار، بالىلارنىڭ ھاياتىنى، ئۈمىدلىرىنى ۋە تۇرمۇشىنى ئوغرىلىدى.

دۇنيا مىقياسىدا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ ئەكسىچە، غەززەدىكى بالىلار ئۈچ يىلدىن بۇيان بىر كېچىمۇ خاتىرجەم ئۇيقۇ كۆرۈپ باقمىدى.

ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئاۋازلىرى ۋە ئۇدا چۈشىدىغان بومبىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپەتلىرىدىن سىرت، ئاچارچىلىقمۇ غەززەلىك بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ۋەيران قىلدى ھەتتا بۇ ئاچارچىلىق ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قولللىرىدىن تارتىۋالدى.

2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋامىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا كىشىلەرنى قىرغىن قىلىش ئۈچۈن پەقەت بومبىلارغىلا تايىنىپ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى، رايوندا سىستېمىلىق بىر ئاچارچىلىق سىياسىتىنىمۇ يۈرگۈزدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى بىلەن بىرگە ئىجرا قىلغان ئېغىر قورشاۋى، ئاساسىي يېمەكلىك ۋە تېبابەتچىلىك لازەمەتلىكلىرىنىڭ كىرىشىنى توسۇشى نەتىجىسىدە ئىنسانىي كرىزىس چوڭقۇرلاشقان غەززەدە، ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 123 بالا ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن كۆز يۇمدى.

293 يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھاياتىدىن ئايرىلدى

ھاياتىدىن ئايرىلغان 21 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ 1000 دىن كۆپرەكىنڭ يېشى تېخى 12 ئاينىمۇ تولدۇرمىغان بوۋاقلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلا ئۆلۈمنىڭ چاڭگىلىغا تاشلاندى.

ئۆلۈملەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغىچەتۇتشقان غەززە رايونىدا 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان 293 بوۋاق، ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي تېخى يېڭى كۆز ئاچقان دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.

كۆزلىرىنى ئۇرۇش مۇھىتىدا ئاچقان كىچىك بوۋاقلار، يېتەرلىك ئوزۇقلانماسلىق، ئوكسىگېن كەمچىللىكى، سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلۈش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن بىر پاجىئەنىڭ ئوتتۇرىسىدا جان بەردى.

300 مىڭ بالا يېتەرلىك ئوزۇقلانماسلىق كرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە

بالىلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى قولدىن تارتىۋېلىنغان غەززەدە ھايات قالالىغانلارمۇ ئاچارچىلىق ۋە يېتەرلىك ئوزۇقلانماسلىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

دوكلاتتا، بەش ياشتىن تۆۋەن تەخمىنەن 300 مىڭ بالىنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلانماسلىق كرىزىسىغا دۇچ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، ھاياتلىق كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئاجىز ۋە نازۇك ھالقىسى بولغان بالىلارغا قارىتىلغان ھەر خىل قانۇنلار دەپسەندە قىلىنغان غەززە رايونىدا، ئىسرائىلىيە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە زامىن بولغان جانلار ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇستەقىل ۋە ئوچۇق يورۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى قىلىندى.

تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ ئۆلمەسلىكى، تېخىمۇ كۆپ جان تالاپىتى كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بىلەن دورىلارنىڭ تەمىنلىنىشى ۋە رايونغا ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقى قىلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە كېسەل ۋە يارىدار بالىلارنىڭ چەت ئەلدە داۋالىنىشى ئۈچۈن رايوندىن ئېلىپ چىقىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 74 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 175 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ ئاستىدا تېخىمۇ نۇرغۇن جەسەتلەرنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى