خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
CIA ئىسرائىلىيەدە ئىچكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA)نىڭ چوڭقۇرلىشىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بۆلۈنۈشلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئىچكى توقۇنۇش ياكى دۆلەتنىڭ يىمىرىلىش خەۋپىگە دۇچار قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
CIA ئىسرائىلىيەدە ئىچكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
سايلىغۇچىلار 27-ئۆكتەبىردىكى سايلامغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە رايون مىقياسىدىكى نەچچە يىللىق ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىچكى بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. (سۈرەت: ئارخىپ) / AP

بىر تەكشۈرۈش خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) مەخپىي باھالاش دوكلاتىدا، چوڭقۇرلىشىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بۆلۈنۈشلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئىچكى توقۇنۇش ياكى دۆلەتنىڭ يىمىرىلىش خەۋپىگە دۇچار قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگىنى «Drop Site News» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ «ئىچكى بۆلۈنۈش» ماۋزۇلۇق تەھلىلى ئاۋغۇستتا تەييارلانغان. تەھلىلنى ئىدارىنىڭ مەۋجۇت ئىستىخبارات باھالاشلىرىغا پەرقلىق نۇقتىدىن قاراش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان «قىزىل گۇرۇپپا» (Red Cell) ناملىق مەخسۇس بۆلۈمى تەييارلىغان. «Drop Site News» خەۋىرىنى تەھلىلنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار ئىككى ئامېرىكالىق مەنبەگە تايىنىپ بەرگەن.

باھالاش دوكلاتىدا، 27-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان پارلامېنت سايلىمى ھارپىسىدا، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئىچكى بېسىملارنىڭ بىر يەرگە توپلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەھلىلدە ئىقتىسادنىڭ شىددەتلىك تارىيىشى، مۇداپىئە چىقىملىرىنىڭ ئېشىشى، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا كۆچمەنلەر زوراۋانلىقىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئاشقۇن ئورتودوكس يەھۇدىي ئەرلەرنىڭ مەجبۇرىي ھەربىي مەجبۇرىيەتتىن كەچۈرۈم قىلىنىشىغا بولغان ئىجتىمائىي نارازىلىقنىڭ ئېشىشى ئاساسلىق مەسىلىلەر قاتارىدا كۆرسىتىلگەن.

ئۇرۇشنىڭ روھىي جاراھەتلىرى، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقى ۋە يېتىم قېلىش

دوكلاتتا، نېتانياھۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقىنىڭ دۆلەتتىكى ئاساسىي قانۇن ۋە سىياسىي تۈزۈمگە مۇناسىۋەتلىك مۇقىمسىزلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

غەززەدە يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش، لىۋان ۋە ئىراندىكى توقۇنۇشلار جەمئىيەتتىكى مەۋجۇت بۆلۈنۈشلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. ئۇزۇن مۇددەت ۋەزىپە ئۆتىگەن نۇرغۇن زاپاس ئەسكەرنىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېغىر روھىي جاراھەتكە دۇچار بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ھەربىي مەجبۇرىيەت مەسىلىسى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ كەسكىن ئىختىلاپ نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. زاپاس ئەسكەرلەرنىڭ قايتا-قايتا ھەربىي ۋەزىپىگە چاقىرىلىشى، ئاشقۇن ئورتودوكس يەھۇدىيلارنىڭ داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك كەچۈرۈمدىن بەھرىمەن بولۇشىغا بولغان غەزەپنى كۈچەيتمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى