خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئارمىيەسى فورت خۇد (Fort Hood) ھۇجۇمچىسىنىڭ جازاسىنى ئوق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ
پېنتاگون 2009-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ۋە 13 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە، 32 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن نىدال مالىك ھەسەننىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى فورت خۇد (Fort Hood) ھۇجۇمچىسىنىڭ جازاسىنى ئوق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ
ئامېرىكا ئارمىيەسى فورت خۇد (Fort Hood) ھۇجۇمچىسىنىڭ جازاسىنى ئوق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ / Reuters

بۇ 80 يىلدىن ئاشقان بىر ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئوق بىلەن ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بولىدۇ.

پېنتاگون دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ فورت خۇد ھۇجۇمچىسى سۈپىتىدە ئەيىبلەنگەن نىدال مالىك ھەسەننىڭ بىر ئارمىيە جازا ئەترىتى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پېنتاگون باش باياناتچىسى سىئان پارنەل دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېتنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆلۈم جازاسىنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنىنى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مىنىستىرى بېكىتىدۇ.

سابىق بىر ئارمىيە پىسخىياتۇرى ۋە مايورى بولغان ھەسەن، 2009-يىلى 5-نويابىردا تېكساستىكى فورت خۇد بازىسىدا ئوق چىقىرىپ، 13 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا ۋە 32 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ھەربىي ھەيئەت، ھەسەندىن 13 قېتىم پىلانلاپ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە 32 قېتىم پىلانلاپ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

ئارمىيە تەپتىشى پولكوۋنىك ستىۋ ھېنرىكس سوت جەريانىدا، ھەسەننىڭ بازا ئىچىدە ئۆزىگە خاس بىر «شەخسىي ئۆلتۈرۈش رايونى» بەرپا قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى تۇنجى ئوق بىلەن ئېتىپ ئلاتۈرۈش ئۆلۈم جازاسى

پىلانلانغان بۇ ئۆلۈم جازاسى، ئامېرىكا ھەربىي ئەدلىيە تارىخىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بىر شەكىلگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئېتىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى ئامېرىكا ئەسكىرى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قاچقانلىقى باھانىسى بىلەن 1945-يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئەسكەر ئېددى سلوۋىك ئىدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى ئۆلۈم جازاسى، 1961-يىلى ئېسىپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئىجرا قىلىنغان ئەسكەر جون بېننېت بولغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Tennessee set to execute first woman in over 200 years
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى