نېپالنىڭ تىبەت بىلەن چېگرالىنىدىغان قىسمىدا 26-ئاۋغۇست باشلانغان كەلكۈن، دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئەمەلدارلار دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەپتىلەر داۋاملاشقان مۈشكۈل ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە جەمئىي 13 مىڭ 795 كىشىنىڭ تىرىك قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەت مەركىزىنىڭ باشلىقى فانېندرا پاۋدېل خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش باسقۇچىدىن ئىزدەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.
پاۋدېل يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ يېقىنلىرىنىڭ سۇغۇرتا، بانكا ۋە باشقا مەمۇرىي رەسمىيەتلىرىنى تاماملىيالىشى ئۈچۈن قانۇنىي جەريان باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يوقاپ كەتكەنلەرنى رەسمىي ھالدا ئۆلگەن دەپ ئېلان قىلىش ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ۋە زۆرۈر قانۇنىي رەسمىيەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.
دۆلەتلىك ئاپەت خەۋپىنى ئازايتىش ۋە باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ باشلىقى دارام راج ئۇپرېتى بولسا، دائىرىلەرنىڭ ئەمدى جەسەت ئىزدەش ھەرىكەتلىرىنى ئاكتىپ ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا ئۇچرىغان ھەرقانداق جەسەت قالدۇقى، شەخسىي بۇيۇم ياكى قىممەتلىك مال-مۈلۈكنىڭ ساقلاپ قېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ جىددىي ئېھتىياج تۇغۇلغان ياكى مەلۇمات تاپشۇرۇۋېلىنغان ئەھۋالدا، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ يەنە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئارقىسىدا زور ۋەيرانچىلىق قالدۇرغان كەلكۈن نېپالنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. كەلكۈن سەۋەبىدىن 12 سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى، شۇنداقلا نۇرغۇن يول، كۆۋرۈك، تېرىلغۇ يەر ۋە ئولتۇراق رايون پۈتۈنلەي ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.
دائىرىلەر ئاپەت سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان مىڭلىغان كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى قايتا يولغا قويۇشى ۋە بۇزۇلغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېزدىن رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئەتراپلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىروگراممىسى تەييارلىدى. ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تاماملاش ئۈچۈن 5 مىليارد دوللارغا يېقىن مەبلەغكە ئېھتىياج بار ئىكەن.























