ياۋروپانىڭ تۇنجى مۇھىت ئاسرايدىغان جامەسى بولغان ھەمدە تۈركىيەنىڭ قوللىشى بىلەن سېلىنىپ 2019-يىلى ئەنگلىيەنىڭ كامبرىج شەھىرىدە ئېچىلغان كامبرىج مەركىزىي جامەسى، ئىسلامغا قارشى نەپرەت ۋە كەمسىتىشلەر ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە ئەنگلىيە پادىشاھى 3-چارلىزنىڭ زىيارىتى بىلەن مۇھىم بىر كۈنگە شاھىت بولدى.
پادىشاھ 3-چارلىز دۈشەنبە كۈنى «ياۋروپانىڭ تۇنجى مۇھىت ئاسرايدىغان جامەسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان كامبرىج مەركىزىي جامەسىنى زىيارەت قىلدى ۋە بۇ يەردىكى مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. پادىشاھ زىيارەت جەريانىدا جامە ئىماملىرى، مۇدىرىيەت ئەزالىرى ۋە كامبرىجدىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
زىيارەتكە تۈركىيەنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوسمان قوراي ئەرتاش، كامبرىج جامەسى فوندى جەمئىيىتى مۇدىرىيەت ئەزالىرى زەينەپ جوشقۇن قوچ ۋە سېلىم ئارگۇن، 19 يېشىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى ئابدۇلھەكىم مۇرات بىلەن بىرگە كۆپ ساندا مېھمانلار قاتناشتى.
پادىشاھ چارلىز ئەنگلىيەنىڭ دىنىي كۆپ خىللىق تەشەببۇسىنى قوللاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت دائىرىسىدە تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ تۆھپىسى بىلەن سېلىنغان جامەنىڭ تۈرلۈك بۆلۈملىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە مەسئۇللاردىن مەلۇمات ئالدى.
ئىسلام لايىھەسى بىلەن كامبرىج سەنئىتى بىر يەرگە جەم بولدى
زىيارەتتىن كېيىن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەن كامبرىج جامەسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى زەينەپ جوشقۇن قوچ، بۇ زىيارەتنىڭ ھەم كامبرىج مەركىزىي جامەسى ھەم خەلق ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
جامەنىڭ قۇرۇلۇشىدا تۈركىيەنىڭ قوللىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرگەن قوچ: «بۇ جامە قۇرۇلۇشىنىڭ قىممىتىنى، بۇ يەرگە نېمىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ بىزنى قوللىغان تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى بولدى. تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى باشتىن-ئاخىر ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىمىز بولدى» دېدى.
قوچ، لايىھەنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لايىھەنىڭ ھەربىر تەپسىلاتىغا بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلدى ۋە جامە قۇرۇلۇشىنى يېقىندىن كۆزەتتى. جامە قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، 2019-يىلى جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.»
پادىشاھ زىيارەت جەريانىدا جامە مۇدىرىيىتى، ئىماملار ۋە جامائەت ئەزالىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.


















