غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇدا بىلدۈرگەن نارازىلىقىدىن كېيىن، پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلەرنى ئەيىبلىگەنلەرنى «تەلۋە» ياكى «ئۇياتتىن كۆزى كور بولۇپ قالغانلار» دەپ ئاتىدى.
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى / Reuters

ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز بارسېلونا پۇتبول كوماندىسى چولپىنى لامىن يامالنىڭ چېمپىيونلۇقنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدىتىشىنىڭ ئىسپانىيەنى «پەخىرلەندۈرگەنلىكىنى» ۋە بۇنىڭ يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ «نەپرەتنى قوزغاش» دېگەن ئاساسسىز ئەيىبلىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

18 ياشلىق ئالدىنقى سەپ ھۇجۇمچىسى يامال، كوماندىسى ئارقىمۇئارقا قولغا كەلتۈرگەن ئىككىنچى قېتىملىق لا لىگا (La Liga) چېمپىيونلۇقىنى تەبرىكلىگەن دۈشەنبە كۈنى، بارسېلونادا ئۈستى ئوچۇق بىر ئاپتوبۇس بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدىتىپ دىققەت قوزغىدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز پەيشەنبە كۈنى، بارسېلونا پۇتبول كوماندىسىنىڭ چولپىنىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ ئىنكاس قايتۇردى ۋە ئۇنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قاراتقان «نەپرەت قوزغاش» يولىنى تاللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مىنىستىر ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئىسپان تىلىدا ئېلان قىلغان  باياناتىدا: «بارسېلوناغا ئوخشاش چوڭ ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بۇ باياناتلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىنى ھەمدە تېررورىزمنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىنىشىغا ياكى قوللىنىشىغا ئورۇن يوقلۇقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ۋە ئىسرائىلىيەنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلغان سانچېز بولسا، بۇ ئۇچۇرغا يامالنى ھىمايە قىلىش بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

ئىسپانىيە باش ۋەزىرى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىر دۆلەتنىڭ بايرىقىنى لەپىلدىتىشنى <نەپرەت قوزغاش> دەپ ئويلايدىغانلار يا ئەقلىنى يوقاتقان، ياكى ئۆزلىرىنىڭ شەرمەندىلىكلىرى تۈپەيلىدىن كور بولۇپ قالغانلاردۇر. لامىن پەقەت مىليونلىغان ئىسپانىيەلىكلەر ھېس قىلغان پەلەستىن بىلەن بولغان ھەمدەملىكنى ئىپادىلىدى. بۇمۇ ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبىدۇر» دېدى.

غەززەدىكى تام رەسىمى

يامالنىڭ ئىسپانىيەدە كەڭ كۆلەمدە ئالقىشقا ئېرىشكەن پەلەستىن دەۋاسىنى قوللىشى، قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدىمۇ دىققەت قوزغىدى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP) نىڭ بىر مۇخبىرى، ناھايىتى زور دەرىجىدە ۋەيران قىلىنغان رايوندىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىدىكى سەنئەتكارلارنىڭ، ۋەيرانچىلىقلار ئۈستىگە يامالنىڭ پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان تام رەسىمى سىزغانلىقىنى سۈرەتكە ئالدى.

بارسېلونا كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى خەنسى فلىك بولسا يامالنىڭ ھەرىكىتىنى «ياقتۇرمىغانلىقىنى» ئېيتتى، لېكىن «ئەگەر قىلماقچى بولغىنى شۇ بولسا، بۇ ئۇنىڭ ئۆزنىڭ قارارى» دېدى.

ئىسپانىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، 2023-يىلى غەززەدە باشلانغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدىن كېيىن قاتتىق ناچارلىشىپ كەتتى.

ئىسرائىلىيە مادرىدنىڭ 2024-يىلى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشىدىن كېيىن باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن ئىدى؛ ئىسپانىيە بولسا مارت ئېيىدا تېل ئاۋىۋدىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىلىنى رەسمىي ھالدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئىشىك ئېچىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكچى
تۈركىيە-ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى قەدەم تاشلىنىدۇ
ئامېرىكا-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدىمۇ؟
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دۆلەتلەر يېڭى خانتاۋىرۇسى يۇقۇمىغا تەييار تۇرۇشى كېرەك
ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى يازمىسىدا ۋېنېزۇئېلانى ئامېرىكانىڭ «51-ئىشتاتى» دەپ ئاتىدى
لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئىسرائىلىيەنىڭ قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 6 كىشى ئۆلتۈرۈلدى
ئىسپانىيە «ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇش» نى چاقىرىق قىلدى
ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ترامپنىڭ «51-ئىشتات» دېگەن سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئىران ئۇرۇشى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا 37 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قوشۇمچە ئېنېرگىيە چىقىمى يۈكلىدى
خانتا ۋىرۇسى ۋەھىمىسى تارقالغان پاراخوت تارقاقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن گوللاندىيە تەرەپكە بۇرۇلدى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىرانغا مەخپىي ھۇجۇملارنى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
بېن گۋىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى