تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنغان شىمالىي قىبىرس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مەسىلىسىگە ئالاقىدار مەزكۇر قارار ھەققىدە مەخسۇس يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا تۈركىيە ئارمىيەسىگە قارىتىلغان ئاساسسىز قارارنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر قارار توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىنىڭ تولۇق قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ يازما باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«رەزىل تۆھمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر قارار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋە خۇسۇسەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىگە ئالاقىدار سىياسىتىدە مەلۇم دائىرىلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىپ، بىر تەرەپلىمە ۋە بۇرمىلانغان كۆزقاراشنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىنىڭ شىمالىي قىبرىس مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە تارىخىي رېئاللىق ۋە تەرەپسىزلىكتىن بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقان بىر يۈزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئەندىشە قىلارلىق ئەھۋال دەپ قارايمىز.»

















