ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىسرائىلىيەلىك ھەربىي مەسئۇللارنىڭ، نېتانياھۇنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان پارلامېنت سايلاملىرىغا توسالغۇ بولۇش ياكى كېچىكتۈرۈش مەقسىتىدە غەززەدىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشكە تىرىشىشىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ كۈندىلىك گېزىتى Maariv، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئېلىپ بېرىلغان باھالاشلارغا تايىنىپ، نېتانياھۇنىڭ مەۋجۇت ئۇرۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە سايلاملار يېقىنلاشقاندا غەززەدە قايتىدىن جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەرگە قارىغاندا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي مەسئۇللار، سىياسىي ھېساباتلارنىڭ يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك قارارلاردا ئاستا-ئاستا تېخىمۇ تەسىرلىك ھالغا كېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
ھەربىي مەسئۇللار ئارمىيەنىڭ ئوچۇق بىر بىخەتەرلىك زۆرۈرىيىتى بولمىسا يېڭى بىر توقۇنۇشنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يېڭى ۋە ئورۇنسىز بىر ئۇرۇشقا كىرمەيمىز» دېگەن ئۇچۇرىنى بەردى.
باياناتلار 27-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان مۇداەتتىن بۇرۇنقى سايلام ئالدىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇلاھىزىلەر نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى لىكۇد پارتىيەسى ۋە ھاكىمىيەت ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنتتا ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 61 ئورۇندۇقلۇق كۆپ سانلىقنىڭ ئىنتايىن ئارقىسىدا قالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. نۆۋەتتە 32 ئورۇندۇققا ئىگە لىكۇدنىڭ ئاۋازلىرىنىڭ ئاخىرقى مۇلاھىزىلەردە تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىگەنلىكى كۆرۈلمەكتە، Kanal 13 نىڭ 19-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان ئاممىۋى پىكىر تەتقىقاتىمۇ نېتانياھۇ گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي ئورۇندۇق سانىنى 51 دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى.

















