مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىشخانىدا قىسقا يول يۈرۈش ياكى ئۆي ئىشلىرى قاتارلىق يېنىك پائالىيەتلەرمۇ بۇ خەۋپنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن.
گلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 90 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كۆزەتكەن. «Plos Medicine» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان نەتىجىلەرگە قارىغاندا، ئويغاق تۇرغان ۋاقىتتا ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇش ياكى يېتىش راك كېسىلىدىن ئۆلۈش ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ھەرىكەتسىز قالغان ھەر بىر سائەت بۇ خەتەرنى تېخىمۇ يۇقىرىغا كۆتۈرىدىكەن.
بىراق تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ھەرىكەتسىز دەقىقىلەرنى جىسمانىي ھەرىكەتلەر بىلەن بۆلۈپ تۇرۇش قوغداش خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلالايدىكەن. ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ ساغلاملىققا ئىنتايىن زور پايدىلىق تەسىرى بار ئىكەن.
يېنىك ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچى
تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى دوكتور فىرېدېرىك خو (Frederick Ho)، ھازىرقى ساغلاملىق قوللانمىلىرىنىڭ كۆپىنچە ئوتتۇرا ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى چېنىقىشلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئەمما قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ يېنىك ھەرىكەتلەرگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەنگلىيەدىكى «UK Biobank» تۈرىگە قاتناشقان 91 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تاقىغىلى بولىدىغان تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەردىن ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرگەن مۇتەخەسسىسلەر، قاتناشقۇچىلارنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 يىل كۆزەتكەن. نەتىجىدە، ھەر كۈنى ئارتۇقچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر بىر سائەتلىك ھەرىكەتسىزلىكنىڭ راك كېسىلىدىن ئۆلۈش خەۋپىنى % 10 ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.
بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، ھەرىكەتسىز ئۆتكەن ۋاقىتلارنى ھەرىكەت بىلەن ئالماشتۇرۇش خەتەرنى تۆۋەنلىتىدىكەن. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا:
ھەر كۈنى بىر سائەتلىك ھەرىكەتسىزلىك ئورنىغا كىيىم دەزماللاش ياكى قاچا-قۇچا يۇيۇشقا ئوخشىغان يېنىك جىسمانىي ھەرىكەتلەرنى قىلىش، راك كېسىلىدىن ئۆلۈش خەۋپىنى % 12 تۆۋەنلىتىدىكەن.
كۈندىلىك 30 مىنۇتلۇق ھەرىكەتسىزلىكنى ئوتتۇراھال سۈرئەتتە پىيادە مېڭىش بىلەن ئالماشتۇرۇش خەتەرنى % 8 تۆۋەنلىتىدىكەن.
بەش مىنۇتلۇق ھەرىكەتسىزلىكنىڭ ئورنىغا بەش مىنۇتلۇق ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەتنى قوشۇش بولسا خەتەرنى % 22 تۆۋەنلىتىدىكەن.
بۇ تەتقىقات كۆزىتىشكە ئاساسلانغان ئىستاتىستىكىلىق ئانالىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ئېنىق بىر سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر ئولتۇرۇش ۋاقىتلىرىنى بۆلۈشكە قارىتىلغان خاس ئىستراتېگىيەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كلىنىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.





















