خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پەزەشكىيان: ئىران بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە پۈتۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان ئىران بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشتە پۈتۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پەزەشكىيان: ئىران بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە پۈتۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پېزېشكىيان 2026-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 18-نۆۋەتلىك برىكس رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە. / َAA

ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشتە پۈتۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

پەزەشكىيان بۇ سۆزلەرنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى (BRICS) باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە يېڭى دېھلىدا ئەبۇزەبى تەخت ۋارىسى خالىد بىن مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قىلدى.

ئۇ: «ئەبۇزەبى تەخت ۋارىسى بىلەن ئۆتمۈشنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش ۋە كەلگۈسىنى ھەمكارلىق ئاساسىدا قانداق بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا پۈتۈشتۇق» دېدى.

ئىككى رەھبەر رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر، جىددىيلىكنى پەسەيتىش ۋە پۈتكۈل رايوننىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى.

بۇ ئۇچرىشىش ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ فېۋرالدا ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن باشلانغان ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكا–ئىران ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

توقۇنۇش جەريانىدا ئىراننىڭ ھەربىي، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي ئۇل ئەسلىھەلىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىندى. ئىرانمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قايتۇرما ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى