مەدەنىيەت
3 مىنۇت ئوقۇش
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
تۈركىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئېچىلغان سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى قۇربانلارنىڭ ئەسلىمىسىنى ساقلاش يولىدىكى بىرىنچى يىلىنى تولدۇردى.
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
مۇزېي تەربىيەۋى مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. / Others

ھەر يىلى 11-ئىيۇل، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پوتوچارى خاتىرە مەركىزىدە كوللېكتىپ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى خاتىرىلىنىدۇ. بۇ يەردە يېڭىدىن كىملىكى ئېنىقلانغان قۇربانلار دەپنە قىلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئېچىلغىنىغا بىر يىل بولغان، سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى، ھەقىقىي تارىخىي بۇيۇملار، ئامان قالغانلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ۋە كۆپ ۋاسىتىلىق كۆرگەزمىلەر ئارقىلىق 8 مىڭدىن ئارتۇق بوسنىيەلىك قۇرباننىڭ ئەسلىمىسىنى ساقلاپ، سرېبرېنىتسا-پوتوچارى خاتىرە مەركىزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسلىمە ۋە تەربىيە كۆزنىكىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

مۇزېي پوتوچارىدىكى كونا باتارېيە زاۋۇتىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، 1995-يىلى ئىيۇلدا ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «بىخەتەر رايون» قولدىن كەتكەندىن كېيىن، مىڭلىغان بوسنىيەلىكلەر مۇشۇ يەردە پاناھلانغان ئىدى. مۇزېي قۇربانلارنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرى، ئارخىپ ھۆججەتلىرى، سۈرەتلەر، ئاۋازلىق ۋە سىنلىق گۇۋاھلىقلار ھەمدە تەسىرلىك مەزمۇنلار بىلەن قىرغىنچىلىقنىڭ جەريانىنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە بايان قىلىدۇ.

سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئېچىلغان بۇ مۇزېي، ئۇزۇن يىللىق تارىخىي خاتىرىلەر ۋە يادىكارلىقلارنى يىغىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. مۇزېيى كۆرگەزمىسى قىرغىنچىلىققا ئېلىپ بارغان ۋەقەلەر، سرېبرېنىتسانىڭ يىقىلىشى، تۈركۈملەپ قەتل قىلىشلار، يوقالغانلارنى ئىزدەش ۋە ئائىلىلەرنىڭ ئۆز يېقىنلىرىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرىنى تېپىپ، ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن دەپنە قىلىش ئۈچۈن قىلغان ئون نەچچە يىللىق كۈرەشلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ھەر يىلى 11-ئىيۇل، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پوتوچارى خاتىرە مەركىزىدە كوللېكتىپ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى خاتىرىلىنىدۇ. بۇ يىل (2026)، يېڭىدىن كىملىكى ئېنىقلانغان 10 قۇرباننىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنىدۇ. دەپنە مۇراسىمىغا، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە باشقا دۆلەتلەردىن مىڭلىغان كىشىنىڭ كېلىشى كۈتۈلمەكتە.

2024-يىلى، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى 11-ئىيۇلنى «1995-يىللىق سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارالىق ئەسلەش ۋە خاتىرىلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، قۇربانلارنىڭ ئەسلىمىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

سۆزدىن بەكرەك تەسىر قىلىدىغان يادىكارلىقلار

مۇزېيدىكى كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئارىسىدا، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىگىلىرى تەرىپىدىن قايتا-قايتا رېمونت قىلىنغان كونىراپ كەتكەن ئاياغلار بار بولۇپ، ئۇلار زىيارەتچىلەرگە مۇھاسىرە ئاستىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ھەققىدە تەسىرلىك تۇيغۇ بېرىدۇ.

سرېبرېنىتسا خاتىرە مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئازىر ئوسمانوۋىچ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: «بەزىدە كىشىلەرنىڭ سرېبرېنىتسا خەلقى تارتقان ئازابلارنىڭ بىر قىسمىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئاشۇ ئاياغلارنى كۆرۈشى كۇپايە. بۇ خىل بۇيۇملار گەپتىن بەكرەك تەسىر قىلىدۇ.»

ئوسمانوۋىچنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇزېينىڭ قۇرۇلۇشى خاتىرە مەركىزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئابىدىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ: «بىز ئارخىپ ۋە مۇزېي توپلاملىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇزۇن يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلدۇق. زىيارەتچىلەرنىڭ ئىنكاسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۆرگەزمە بۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ۋە زامانىۋى ئۇسۇلدا نامايان قىلدى. ھەممىدىن مۇھىمى، مۇزېي تەربىيەۋى مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ» دېدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مائارىپ تەربىيەسى بېرىش، مەركەزنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، خاتىرە سارىيى ھازىر 20 گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن 35 ئوقۇغۇچىنى جەم قىلغان 3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق يازلىق مەكتەپنى كۈتۈۋالدى.

ئوسمانوۋىچ: «بىز كىشىلەرنىڭ سرېبرېنىتسادىن سرېبرېنىتسادا نېمە ئىش بولغانلىقى ھەققىدە كەڭ مەلۇماتقا ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە بىلەن ئايرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ مەركەزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى» دېدى.

ھەر كۈنى يۈزلەرچە زىيارەتچى سرېبرېنىتساغا كېلىدىغان بولۇپ، سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى، ئۇلارنىڭ زىيارىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلانغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Srebrenica and the global politics of genocide denial

زىيارەتچىلەردە قالغان ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلار

پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى ئېدىن توپچىچ (Edin Topcic) ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى سرېبرېنىتساغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ مۇزېينىڭ زىيارەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى زور دەرىجىدە بېيىتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇ: «مەن بۇ يەرگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۈچ يىل بۇرۇن ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن كەلگەن ئىدىم. بۈگۈنكى تەرەققىيات كۆرۈنەرلىك بولۇپتۇ، ھەممە ئىش زور مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلىنىپتۇ. بۇ مۇزېي پۈتكۈل خاتىرە مەركىزى ئۈچۈن تاشلانغان چوڭ قەدەم» دېدى.

تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدىن ئائىلىسى بىلەن بىللە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىناغا تۇنجى قېتىم كەلگەن ئايشە باتىر، مۇزېينىڭ ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئاۋازلىق بۇيۇملار، بالىلارنىڭ رەسىملىرى، سىنلار ۋە ئامان قالغانلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ماڭا خۇددىي بۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۆزۈم باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى، قايتا ئۇرۇش بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بۇ يەردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

مەزكۇر مۇزېينىڭ قۇرۇلۇشى 2021-يىلى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قوللىشى ئاستىدا سېلىنغان بولۇپ، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئاگېنتلىقى (TİKA) تەرىپىدىن تولۇق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
كىرېمىل: ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى بىلەن باشلاندى
مىنىستىر فىدان: «ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ»
فىدان ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى