تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە نېتانياھۇنىڭ ب د ت دىكى سۆزلىرىگە ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپ سەۋىيەسىدە رەددىيە قايتۇردى
تۈركىيە تەرەپ بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىكى سۆزلىرىگە قاتتىق قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ تۈركىيە ۋە پىرېزىدېنت ئەردوغانغا قاراتقان ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە نېتانياھۇنىڭ ب د ت دىكى سۆزلىرىگە ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپ سەۋىيەسىدە رەددىيە قايتۇردى
تۈركىيە نېتانياھۇنىڭ سۆزلىرىگە كاتىپ دەرىجىسىدە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ  نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدىكى سۆزىگە ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپ سەۋىيەسىدە رەددىيە قايتۇردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپ سەۋىيەسىدىكى ياش دىپلوماتى ب د ت دا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن رەددىيە بېرىش ھوقۇقىنى قوللىنىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەگە، شۇنداقلا پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قىلىنغان ئاساسسىز ۋە رەزىل غەرەزلىك ئەيىبلەشلەرنى كەسكىن رەت قىلىمىز.»

باياناتتا، بېنيامىن نېتانياھۇ سۆز قىلىۋاتقاندا نۇرغۇن ھەيئەتلەرنىڭ زالدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئاددىي ھەرىكەت ئەمەسلىكى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ كۈچلۈك بىر دىپلوماتىك ئەيىبلەشتۇر. بۇنىڭدىكى سىگنال ئېنىق: ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى قالمىدى، سىياسەتلىرى رەت قىلىنماقتا ۋە ئۇنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى يالغۇزلۇقى كۈندىن-كۈنگە چوڭقۇرلاشماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ھەمدە ئەخلاقىي قانۇنىيلىق ئورنىنى يوقاتقان بىر رەھبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ.»

باياناتتا نېتانياھۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئويدۇرما دەۋالىرىنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھەمدە ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، لىۋان، سۈرىيە ۋە باشقا رايونلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان رەھىمسىز تاجاۋۇزچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان چارىسىز ۋە قۇرۇق ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھېچقانداق تەشۋىقاتنىڭ ھەقىقەتنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرەلمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «مىڭلىغان پۇقرا قىرغىن قىلىندى، ئۆيلەر ۋە دوختۇرخانىلار خارابىلىككە ئايلاندى، مەكتەپلەر قەستەن نىشانغا ئېلىندى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە قەستەن توسقۇنلۇق قىلىندى. بۇلار ئۇنتۇلمايدىغان ۋە كەچۈرۈلمەيدىغان جىنايەتلەردۇر» دېيىلدى.

شەخسكە قىلىنغان ھۇجۇملار ۋە يالغان-ياۋىداقلارنىڭ ساداسى قانچىلىك يۇقىرى ياكى كۆپ تەكرارلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتلەرنىڭ ئالدىدا ۋەيران بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «ئىسرائىلىيە ئۇرۇش، ۋەيرانچىلىق ۋە مۇقىمسىزلىق ئېكسپورت قىلىۋاتقان بولسا، تۈركىيە تىنچلىق بەرپا قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ ئىزچىل تىنچلىقنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملۈك يولى بولغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ: «مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئىگە، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان ۋە 1967-يىلىدىكى چېگرا ئاساسىدىكى پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغانغا قەدەر پەلەستىن خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن سىگنال بېرىلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە—ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا  سۆز قىلدى
تۈركىيە بىلەن ئىراق سىنجاردا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تولۇق ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشتى
مىنىستىر ئاراقچى ياۋروپالىق مەنسەپداشلىرىنى «قوش ئۆلچەم» قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بۇرنھام: غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز
ئابباس ئاراقچى ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
ياپونىيەدىكى «دۇجۇئان» تەيفېڭ بورىنىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار  سانى 9 غا يەتتى
يەمەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى تەئىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكنى قولغا كىرگۈزدى
جەنۇبىي كورېيە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە شىمالىي كورېيەگە تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپى سۇندى
ئەردوغان ب د ت 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدىكى سۆزىدىن كېيىن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ب د ت دا قىلغان نۇتقى دۇنيا مىقياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى
ئەردوغان: پەلەستىن دۆلىتىنى بوغۇش ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ
ترامپ: غەززەگە مىلياردلارچە دوللار ياردەم قىلىنىدۇ
مىللىي بوكسچى خەتىجە ئاقباش ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا
فىرانسىيە ئۇكرائىنانى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ