فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان نوئېل بارروت ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، فىرانسىيەنىڭ بۇ يىل تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى ئېغىر ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئەسلىھەلىرى بىلەن فىرانسىيە ياردەم ئەترەتلىرىگە يار-يۆلەكتە بولغان تۈركىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، بېلگىيە، كىرودىيە، لىتۋانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، پورتۇگالىيە، چېخىيە، رۇمىنىيە، سېربىيە، سلوۋاكىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېيتسارىيە، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەشەككۈر ئېيتتى.
تۈركىيە فىرانسىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دانە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئىدى. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تۈركىيە ئەۋەتكەن ئايروپىلانلار ھەققىدە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە تۈركىيەنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق قىزىل بايىرىقى چۈشۈرۈلگەن تۈركچە ئۇچۇر يوللاپ «تەشەككۈر تۈركىيە» دەپ مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ئوت ئاپىتى مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان فىرانسىيەدە، بۇ يىل 117 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق يەر زىيانغا ئۇچرىدى ۋە 4 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.


























