رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، موسكۋا بىلەن پيوڭياڭنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق، باراۋەرلىك ۋە مىللىي مەنپەئەتلەرنى قوغداشنى ئاساس قىلغان يېڭى دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلىشنى ئورتاق ھالدا تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
لاۋروۋ بۇ باياناتلارنى كورېيەنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنىڭ 81 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چوي سون خۇيگە ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىدا ئېلان قىلدى. ئۇ تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن موسكۋا ۋە پيوڭياڭ كۆپ قۇتۇپلۇق، ھەقىقىي باراۋەرلىك ۋە مىللىي مەنپەئەتلەرنى قوغداش پىرىنسىپىغا تايىنىدىغان يېڭى، ئادىل دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشتا بىر سەپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلماقتا.»
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە موسكۋانىڭ پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن تەرىپىدىن بېكىتىلگەن يۆنىلىش بويىچە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئۇ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى ئەتراپلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق خەۋپسىزلىككە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە مۇناسىۋىتىڭ دائىرىسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېڭەيگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت سىياسىي، ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتتە تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە.


















