ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئىيۇن ئېيىدا پاكىستاندا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇنىڭ ئىسرائىلىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېلېگرام ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئاراقچى بىر يىغىندا قىلغان سۆزى جەريانىدا، 28-فېۋرالدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇش باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان دىپلوماتىك مۇساپىگە باھا بەرگەن.
ئاراقچىنىڭ ئېيتىشىچە، تېھران بىلەن قارشى تەرەپ ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش ئىراننىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغاچقا، ئامېرىكا ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشقا باشلىغان.
ئۇ: «ئىسرائىلىيە بۇ ئورتاق تونۇشنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئەڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇۋاتقان تەرەپ ۋە ئەڭ چوڭ توسالغۇدۇر» دېگەن.
ئاراقچى دىپلوماتىك مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۆزىگە ياكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئىران خەلقىنىڭ غەلىبىسى ئىدى. بۇ، ئۇرۇش جەريانىدا كۆرسىتىلگەن قارشىلىقنىڭ دۈشمەننى
























