ياۋروپا ھاۋا قاتنىشى بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ (EUROCONTROL) بۇ مەزگىلگە ئالاقىدار «ياۋروپا ئاۋىياتسىيە دوكلاتى» ئېلان قىلىندى.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە 1587 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپانىڭ ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇملىرى ئارىسىدا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.
تەۋسىيە
بۇ ئايرودۇرۇمدىن قالسا، كۈنىگە 1423 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ئامستېردام، 1384 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن پارىژ شارلې دېگول، 1359 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن فىرانكفۇرت، 1324 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن لوندون ھىسروۋ (Heathrow) ئايرودۇرۇملىرى ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان.























