پىرېزىدېنت ترامپ ئوخايو ئىشتاتىدا ئۆتكۈزىدىغان يىغىلىشقا كېتىۋېتىپ ئاقسارايدىن چىقىش ئالدىدا ئاخباراتچىلارغا بايانات بەردى.
ئامېرىكادىكى يازلىق ۋە قىشلىق ۋاقىت تۈزۈمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ترامپ، بۇ ھەقتە تۈزۈلگەن قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى مەزكۇر تۈزۈمنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا زور يۈك ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رېتىمىنى بۇزغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «يىلدا ئىككى قېتىم سائەتنى ئالدىغا ۋە كەينىگە سۈرۈشتەك بىمەنە بىر تۈزۈم ۋە ئادەتتىن قۇتۇلۇشنى خالايمىز» دېدى.
جەمئىيەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ كۈندۈز يورۇقلۇقىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما قىشلىق ۋاقىتقا ئۆتكەندە ھاۋانىڭ بەك بالدۇر قاراڭغۇلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن ترامپ، كېڭەش پالاتاسىدا تەستىق كۈتۈۋاتقان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى توسۇپ قالغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم كوتتوننى نىشانغا ئالدى.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىلگىرى ئاۋام پالاتاسىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئەسلەتكەن ترامپ: «ئاۋام پالاتاسى بۇنى 80% تىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلدى. لايىھە بىر مەزگىلدىن بۇيان كېڭەش پالاتاسىدا كۈتۈۋاتىدۇ، توم كوتتوننى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيمىز دەپ ئۈمىد قىلىمەن. توم كوتتون لايىھەنى توسۇپ قېلىۋاتىدۇ، ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك» دېدى.
تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدىن كوتتوننىڭ يان تېلېفون نومۇرىنى ھەمبەھىرلىگەن ترامپ، سايلىغۇچىلارنى «كوتتونغا مەزكۇر لايىھەنى توسۇپ قالماسلىقى» توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان ئىدى.
ئامېرىكىدا 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئېتىبارەن ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە يولغا قويۇلغان يازلىق ۋاقىت تۈزۈمى، 1966-يىلى چىقىرىلغان بىر فېدېراتسىيە قانۇنى بىلەن پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ئىجرا قىلىنماقتا.





















