روسىيە شەنبە كۈنى دىپلوماتلار ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا چاقىرىپ، ئۇكرائىنا پايتەختىگە قايتىدىن يېڭى بىر قېتىملىق «كەڭ كۆلەملىك» ھۇجۇملارنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
موسكۋا بىلەن كىيېۋ يېقىنقى مەزگىلدە ئۆزئارا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلغان ھۇجۇملار كۆپەيدى.
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرىمۇ كىيېۋدىكى چەتئەل پۇقرالىرى ۋە دىپلوماتلارنى شەھەردىن ئايرىلىشقا ۋە ئۇكرائىناغا سەپەر قىلماسلىققا چاقىرغانلىقىنى ئەسلەتتى.
مىنىستىرلىق: «بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا كىشىلەرنىڭ پەرۋا قىلماسلىقىدىن ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەجەللىك خەتەرگە ئىتتىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېگەن باياناتنى ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «روسىيە فېدېراتسىيەسى قوراللىق قىسىملىرى كەڭ كۆلەملىك ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.
روسىيە كېلىپ چىقىدىغان سەلبىي ئاقىۋەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغانلارغا ئائىت بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالىي كلىچكو جۈمە كۈنى، كۆۋرۈكلەر ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملار سەۋەبىدىن شەھەرنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇرۇش شارائىتىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ۋە روسىيەنىڭ ھۇجۇملار بىلەن «كىيېۋنى پارچىلىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بولسا، روسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى پۇقرالار رايونلىرىنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارغا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق قوراللىق ئۇرۇش قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. كرېمىل بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلدى.

























