غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەلخەلىلدە ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، ۋەقەدە ئىككىسى ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، 5 ئىسرائىلىيەلىك يارىلاندى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقنىڭ جەنۇبىدا ھۇجۇم قىلدى دېگەن باھانە بىلەن 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەلخەلىل شەھىرىدە، ئىسرائىلىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى، دېگەن باھانە بىلەن 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

ئىسرائىلىيە جىددىي قۇتقۇزۇش ئورگىنى قىزىل داۋۇت يۇلتۇزى جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدا، ئەلخەلىلدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە 5 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، يارىلانغانلاردىن 2 سىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ۋە دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلغان 2 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 14 – تېلېۋىزىيە قانىلى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ رايونغا ئىسرائىلىيە نومۇر تاختىسى ئېسىلغان بىر ئاپتوموبىل بىلەن كىرگەنلىكىنى ۋە ۋەقەنىڭ ۋاقىتلىق بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئومۇمىي سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى دائىرىسىدە غەربىي قۇددۇستىكى بىر بازارغا قىلىدىغان زىيارىتىنى بىكار قىلدى.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى