تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: 36-نۆۋەتلىك ناتو باشلىقلار يىغىنىنى غەلىبىلىك تاماملىدۇق
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشلىقلار يىغىنىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا 32 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئەنقەرەنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: 36-نۆۋەتلىك ناتو باشلىقلار يىغىنىنى غەلىبىلىك تاماملىدۇق
ئەردوغان رۇتتېنىڭ «ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق ۋە تەشكىللەش خىزمەتلىرىدىكى ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان پوزىتسىيەسى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى»غا تەشەككۈر ئېيتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە ساھىبخانلىق قىلغان 36-نۆۋەتلىك ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىگە تۆھپە قوشقان ئىشتىراكچىلارغا، تەشكىللىگۈچىلەرگە ۋە پايتەخت ئاھالىلىرىگە تەشەككۈر ئېيتتى.

ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى «X» سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن 36-نۆۋەتلىك ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىنى غەلىبىلىك تاماملىدۇق. جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى كۇللىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ باشلىقلار يىغىنىغا ناتوغا ئەزا 32 دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقىدىن سىرت يەنە 100گە يېقىن مىنىستىر، يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلار، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە تەكلىپلىك مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى. باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا بىخەتەرلىكنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن پۇقرالىرىمىزنىڭ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك تەڭپۇڭلۇققا ئالاھىدە دىققەت قىلىندى».

ئەردوغاننىڭ بىلدۈرۈشىچە قوللىنىلغان بىخەتەرلىك، قاتناش، ماسلاشتۇرۇش ۋە جەمئىيەت تەرتىپى تەدبىرلىرى رەھبەرلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، شەھەر تۇرمۇشىنىڭ نورمال داۋاملىشىشى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنى توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلانغان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن.

جۇمھۇر رەئىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىسلىك مىللەت كۇتۇپخانىمىز خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى سۈپىتىدە خىزمەت قىلدى؛ 1800 كىشىلىك خىزمەت رايونى، 40 سىن تەھرىرلەش ئۆيى ۋە نۇرغۇنلىغان بىۋاسىتە تارقىتىش نۇقتىلىرى مەتبۇئات ئەھلىنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇلدى. باشلىقلار يىغىنىنى تارىخىي رېكورت يارىتىپ 2500دىن ئارتۇق مەتبۇئات خادىمى كۆزەتتى؛ تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى — ت ر ت نىڭ ماسلاشتۇرۇشىدا 96 كامېرا، 18 نەق مەيدان تارقىتىش ئاپتوموبىلى ۋە 26 ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قىلىنغان تارقىتىشلار ئارقىلىق ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزۈلدى».

ئەردوغان يەنە باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەنقەرەنى خەلقئارادا تونۇشتۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى قەيت قىلىپ مۇنداق دېدى: «باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا كۆرسەتكەن كەڭ قورساقلىقى ۋە مىسلىسىز مېھماندوستلۇقى ئۈچۈن ئەنقەرەلىك يۇرتداشلىرىمغا چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن».

ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان ئاساستا تاراتقۇدىن تېخنىكىلىق خىزمەتلەرگىچە، ساقلىق ساقلاشتىن قاتناشقىچە، كۈتۈۋېلىش (پروتوكول) تىن يېمەك-ئىچمەك ۋە مېھماندارچىلىق مۇلازىمەتلىرىگىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن ۋەزىپە ئۆتىگەن بارلىق كىشىلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان شۇنداقلا ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتېغىمۇ «باشلىقلار يىغىنىنى تەييارلاش ۋە ئۆتكۈزۈش جەريانىدا كۆرسەتكەن ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان پوزىتسىيەسى ۋە تىرىشچانلىقلىرى» ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى