ئامېرىكا مەسئۇللىرىغا ئەۋەتىلگەن ۋە Associated Press تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن ئۇقتۇرۇشلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت ئومۇمىي خام چوتىغا تۆلىنىدىغان ئەزا بەدەللىرىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە 725 مىليون دوللار ۋە ھايتى بىلەن كونگودىكى ب د ت تىنچلىق ساقلاش كۈچلىرى ھەرىكەتلىرىگە 125 مىليون دوللار ئاجرىتىش پىلانى بارلىقىنى ئېلان قىلدى.
ب د ت ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ ب د ت ئەزالىقىغا مۇناسىۋەتلىك 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئەزا بەدىلى قەرزى بار بولۇپ، بۇ مىقدارنىڭ 2 مىليارد دوللىرىدىن ئارتۇق قىسمىنىڭ ئومۇمىي خامچوتقا، 3 مىليارد دوللىرىنىڭ تىنچلىق ساقلاش كۈچلىرى ھەرىكەتلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تەۋسىيە
ئامېرىكانىڭ ب د ت ۋاكالەتخانىسى مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك باھا بېرىش تەلىپىگە دەرھال جاۋاب بەرمىدى.
















