ترامپ «تراس سوشال» ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، «تارىختا بىر دۆلەتكە قارىتىلغان ئەڭ قاتتىق ئىقتىسادىي ھەرىكەت»نى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇ نىشان قىلىنىدىغان دۆلەتلەر ياكى يۈرگۈزۈلىدىغان جازالارنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى.
بۇ قەدەم، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا باشلىغان توقۇنۇشلار جەريانىدا ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاشلاندى. مۇددەت ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، دىپلوماتىك ياكى ھەربىي ھەل قىلىش چارىسى تېخى شەكىللەنمىدى.
ترامپنىڭ باياناتى، ئاپرېلدا تېھران بىلەن سودا قىلىدىغان چەت ئەل بانكىلىرى ۋە شىركەتلىرىگە قارىتا باشلانغان «ئىقتىسادىي غەزەپ ھەرىكىتى» ناملىق بېسىم سەپەرۋەرلىكىنىڭ كېڭەيتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.
ترامپ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىرانغا قارشى «ئىقتىسادىي D - كۈنى» باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مالىيە ئورگانلىرى، كارخانىلار، ئايرودروملار ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئارقىلىق ئىراننى ئىقتىسادىي «جان تومۇرى» بىلەن تەمىنلىگەن دۆلەتلەر جازاغا دۇچ كېلىدىكەن. ئۇ يەنە نېفىت ئەتكەسچىلىكى، ئالماشتۇرۇش يوللىرى، نەق پۇل يۆتكەش، پۇل ئالماشتۇرۇش ئورۇنلىرى، پاراخوت تىزىملاش ۋە نامدا قۇرۇلغان شىركەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
نويابىردىكى ئامېرىكا ئارىلىق سايلىمى ھارپىسىدا ترامپ، ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي يۈكى سەۋەبىدىن بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىران بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئۈزدى
ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقدىشى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىراندىن كەلگەن يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىدىن كېيىن، بۇ دۆلەت بىلەن بولغان بارلىق مالىيە ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراندىن دېڭىز قاتنىشىنى نىشان قىلغان ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە بومبىلارنىڭ دېڭىزغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن كېيىن ئىران قوراللىق قىسىملىرى قوشنا پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ياردەم بەرمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا كۈچلىرىگە بېرىلىدىغان ھەرقانداق ياردەمنىڭ «جىنايەتكە شېرىك بولۇش» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپنىڭ يازمىسىدا خىتاينىڭ ئىسمى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، خىتايدىكى كارخانىلار ئىران نېفىتىنىڭ ئەڭ چوڭ سېتىۋالغۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسېنتمۇ ئالدىنقى ھەپتە، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا «دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىقتىسادىي يالغۇز قالدۇرۇش» سىياسىتى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
فېۋرالنىڭ ئاخىرىدىن بۇيانقى توقۇنۇشلار ھورمۇز بوغۇزىدىكى دېڭىز قاتنىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، دۇنيا ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولدى. دۇنيادىكى خام نېفىت ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنىڭ تەخمىنەن %20ى بۇ بوغۇزدىن ئۆتىدۇ.

















