تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ئاۋىئاتسىيە، ھالقىلىق خام ئەشيا ۋە ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرۇش كېلىشىملىرى ئىمزالاندى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قازاقىستان ترانسپورت (قاتناش) ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ھالقىلىق خام ئەشيالار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تېزلىتىشنى كۆزدە تۇتقان تۈرلۈك كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئانتونىئو كوستام ۋە قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم-جومەرت توقايېۋنىڭ بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان قارارلار توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «ئاۋىئاتسىيە كېلىشىمى»نىڭ ھاۋا قاتنىشى ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ۋە ياۋروپادىكى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە يېڭى سودا پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا يەنە، كېلىشىم دائىرىسىدە، قازاقىستان بىلەن ھاۋا ترانسپورت كېلىشىمى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 17 دۆلەت ئوتتۇرىسىدىمۇ پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇچۇشلىرىغا يول ئېچىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ياۋروپا قايتىدىن قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى (EBRD) بىلەن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، ئاستانا شەھىرىدە ھالقىلىق خام ئەشيالار ئۈچۈن خەلقئارالىق ئاككرېدىتاتسىيەگە (ئېتىراپنامىگە) ئىگە بىر خىمىيەۋى ئانالىز تەجرىبىخانىسى قۇرۇشقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم تەتقىقاتىنى قوللاش مەقسىتىدە ئۆزئارا چۈشىنىش ئەھدىنامىسى ئىمزالىغانلىقى بايان قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھالقىلىق خام ئەشيا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، مەزكۇر تەجرىبىخانىنىڭ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك سىناقلىرىنى خەلقئارالىق ئۆلچەملەر بويىچە ئېلىپ بېرىشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرۇش كېلىشىمى» ۋە «قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمى» سۆھبەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بىلەن تاماملانغانلىقى، كېلىشىملەر ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان تەقدىردە، قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش مۇساپىسىنىڭ ئاسانلىشىدىغانلىقى، «قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمى»نىڭ بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلەر قائىدە - قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىشىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


ئىزدىنىڭ
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ