رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت رەئىسى ولادىمىر پۇتىن، رۇسىيەنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش دائىرىلىرىگە قاراشلىق ھەربىي ئاكادېمىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كرېمىل سارىيىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
پۇتىن مۇراسىمدىكى سۆزىدە ناتونىڭ ئۇكرائىنانى ھەربىي ۋە ماددىي جەھەتتىن قوللاۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، غەربنىڭ ھەربىي خام چۆتنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.
پۇتىن ياۋروپادا باراۋەر، بۆلۈنمەس بىر بىخەتەرلىك سىستېمىسى ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى، پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پۇتىن ئۇكرائىنادا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» جەريانىدا، ئۆتكەن يىلى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000 دىن ئارتۇق قورال ۋە ھەربىي ئەسلىھەنى ئۇرۇش شارائىتىدا سىناقتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
مۇراسىمدىن كېيىن ھەربىي ئاكادېمىيەنى پۈتتۈرگەنلەر بىلەن ئۆرە تۇرۇپ پاراڭلاشقان پۇتىن، ناتو دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا رۇسىيە تېررىتورىيەسىدىكى نىشانلارغا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
پۇتىن سۆزىدە: «ئۇلار بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تونۇپ يېتەلمىدى. ئۇلار ھازىرچە ئۆز زېمىنىنى ھۇجۇملار ئۈچۈن ئىشلىتىش نۇقتىسىغا تېخى كەلمىدى. چۈنكى بۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە بۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئەمما ئۇلار ھەربىي ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا» دېدى.
رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئالدىنقى سىپىنىڭ بارلىق يۆنىلىشلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن: «بىزنىڭ ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىمىزگە قارىتىلغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ھۇجۇملىرى، جەمئىيەتنى سارىسىمىگە سېلىش ۋە رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىۋاتىدۇ. پۈتۈن غەرب دۇنياسى بۇ مەسىلىدە ئۇكرائىناغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بىز ئۆزىمىز مەقسەت قىلغان نۇقتىغا چوقۇم يېتىمىز» دېدى.
















