خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كىم جۇڭئۇن: كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ھەر يىلى ئىككىدىن ئۇرۇش پاراخوتى ياساپ چىقىشىمىز شەرت
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن نۆۋەتتە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت قوراللىق كۈچلىرى سېپىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقا بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا «زامانىۋىلاشقان دېڭىز ئارمىيە بازىسى» قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھايات-ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
كىم جۇڭئۇن: كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ھەر يىلى ئىككىدىن ئۇرۇش پاراخوتى ياساپ چىقىشىمىز شەرت
كىم تەپسىلىي توختالماي تۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىشنىڭ ئۇنىڭ ئورنى، رولى ۋە ھەرىكەت دائىرىسىدىكى بۇرۇلۇش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. (سۈرەت: ئارخىپ) / Reuters

دۆلەتنىڭ رەسمىي تاراتقۇسى — «كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىر قوغلىغۇچى ئۇرۇش پاراخوتىنى ئارمىيە سېپىگە قوشۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە، ھەر يىلى سۇ سىغىمى 5000 توننىلىق «چوي خيۇن» ناملىق بۇ پاراخوت بىلەن ئوخشاش كۆلەمدىكى ئۇرۇش پاراخوتىدىن ئىككىنى ياساپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ سەيشەنبە كۈنى مەلۇم قىلىشىچە، كىم جۇڭئۇن شىمالىي كورېيەنىڭ نامپو پورتىدا ئۆتكۈزۈلگەن، كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە يېڭى قوغلىغۇچى پاراخوت — «چوي خيۇن»نى رەسمىي سەپكە قوشۇش مۇراسىمىغا ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان.

خەۋەردە يەنە، بۇ قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ ئۆتكەن 14 ئاي داۋامىدا تۈرلۈك ھەربىي مەشغۇلات سىناقلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقى قەيت قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كىم جۇڭئۇن دۆلىتىنىڭ پات ئارىدا «كاڭ گون» دەپ ئاتىلىدىغان 5000 توننىلىق يەنە بىر قوغلىغۇچى پاراخوتنى، شۇنداقلا 10 مىڭ توننىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئارمىيە سېپىگە قوشۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، «كاڭ گون» ناملىق بۇ ئۇرۇش پاراخوتى ئۆتكەن يىلى سۇغا چۈشۈرۈلۈش مۇراسىمى جەريانىدا قىسمەن ئۆرۈلۈپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، كېيىنچە قايتىدىن رېمونت قىلىنغان ئىكەن.

«قەتئىي ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان ۋەزىپە»

شىمالىي كورېيە رەھبىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «زامانىۋى بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى قۇرۇپ چىقىش — بىز ئۈچۈن جىددىي، شۇنداقلا قەتئىي ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان ۋەزىپىگە ئايلاندى.»

كىم جۇڭئۇن يەنە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى «كورېيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى» مەركىزىي كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، يېڭى دېڭىز ئارمىيە بازىلىرىنى قۇرۇش پىلانىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ