ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى ئۆتكەن ھەپتە فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن G7 باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تالاش-تارتىش قوزغىغان سۆزلىرى ئالدىدا «ھەقىققەتەن قاتتىق ئەجەپلەنگەنلىكى» نى ئېيتتى ھەمدە بۇ ئەھۋالنىڭ ئىتالىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ANSA ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېلونى ترامپنىڭ باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئۆزى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن «يالۋارغانلىقى» توغرىسىدىكى ۋە ئۆزى ئىلگىرى ئېنىق بىر تىل بىلەن رەت قىلغان سۆزلىرىگە ئائىت خەۋەرلەر ھەققىدە توختالدى.

مېلونى بۇ ھەققتە: «پۈتۈن سەمىمىيىتىم بىلەن ئېيتىمەن. بەكمۇ ئەجەبلەندىم. بۇنى ئېيتقىنىمدا تولىمۇ سەمىمىي ئىدىم» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى. ئۇ يەنە بۇ ۋەقەگە ئائىت خەۋەرلەرنى ۋە توردا تارقالغان ۋىدىيولارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تور دۇنياسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«مەن ناتودىكى قىيىنچىلىقلارغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ ۋەقەنى 'ئىرانغا ئائىت سۆھبەت مۇساپىسىدىن دىققەتنى باشقا ياققا بۇراش' ئۇرۇنۇشى دەپ تەرىپلىگەن خەۋەرلەرنىڭ ئورنىغا، مېنىڭ مەيدانىمنىڭ تېخىمۇ جاھىللەرچە ياكى داۋراڭ سېلىنغان بىر پوزىتسىيە سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن ۋە توردا كەڭ تارقالغان ۋىدىيولارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئوخشاش بولمىغان خەۋەرلەرنى ئوقۇدۇم. بۇ تالاش-تارتىشنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىم يوقلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئېيتتىم ۋە يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن»
مەزكۇر تالاش-تارتىشقا قارىماي مېلونى ئىتالىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلىپ مۇنداق دېدى: «قانداقلا بولمىسۇن پىكىرىمنى ئۆزگەرتمەيمەن. ئىتالىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى خۇددى ئۆتكەن 80 يىلدىن بىرى بولغىنىدەك ئوخشاش قالىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەھكەم مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش، غەربنىڭ قۇدرەت مەنبەسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ»
















