خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پەزەشكىيان ئامېرىكا بىلەن «كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدىغانلىقلىرى»نى بىلدۈردى
ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى، ئەكسىچە سۆھبەت ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پەزەشكىيان ئامېرىكا بىلەن «كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدىغانلىقلىرى»نى بىلدۈردى
مەسئۇد پېزېشكىيان ب د ت 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش ھەپتىلىكى يىغىنلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىپ تۇرۇۋاتقان نيۇ يوركتا «Fox News» نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان نىيۇيوركتا ئامېرىكا فوكس خەۋەرلىرى (Fox News) قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ ئىراننىڭ ئۇرۇش ياكى كېلىشىمدىن قايسىنى تاللايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «بىز ئۇرۇشنى تاللىمايمىز، ئۇرۇش بىزگە تېڭىلدى، بىز ئۇرۇش قىلىش كويىدا ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى. پەزەشكىيان ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن بىكار قىلىنغان، ئەمما ئەسلىدە 60 كۈن ئىچىدە ئاخىرقى تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشنى مەقسەت قىلغان ئىيۇندىكى ئەھدىنامىنى تىلغا ئېلىپ، تېھراننىڭ ۋاشىنگتون بىلەن كېلىشىم تۈزۈش يۆنىلىشىدە ئىلگىرىلەشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە مۆتىدىل پوزىتسىيە بىلدۈرگەن پەزەشكىيان مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ پىرېزىدېنتىڭلار (دونالد ترامپ) بىلەن بىر كېلىشىمگە كەلگەن ئىدۇق. شۇنىڭغا ئاساسەن ئىلگىرىلەشنى خالايمىز ۋە ھېلىھەم شۇنى ئارزۇ قىلىمىز.» ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ 28-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى ئاخىرلاشتۇرماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئىراننىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى (NPT) دائىرىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەمەندىكى ھۇسىيلار توغرىسىدا: «ھۇسىيلار ئۆز ھەرىكىتىگە ئۆزلىرى مەسئۇل بولىدۇ. ئۇلار بىزدىن بۇيرۇق ئالمايدۇ» دېدى.

شۇنداقلا، ھايات ياكى ئەمەسلىكى قىزىقىش قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىران رەھبىرى مۇجتەبا ھامانېي بىلەن تەخمىنەن بىر ئاي ئىلگىرى يۈزتۇرا كۆرۈشكەنلىكىنى، بىللە يەتتە سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ «ئىنتايىن ياخشى» ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە—ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا  سۆز قىلدى
تۈركىيە بىلەن ئىراق سىنجاردا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تولۇق ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشتى
مىنىستىر ئاراقچى ياۋروپالىق مەنسەپداشلىرىنى «قوش ئۆلچەم» قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بۇرنھام: غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز
ئابباس ئاراقچى ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
ياپونىيەدىكى «دۇجۇئان» تەيفېڭ بورىنىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار  سانى 9 غا يەتتى
يەمەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى تەئىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكنى قولغا كىرگۈزدى
جەنۇبىي كورېيە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە شىمالىي كورېيەگە تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپى سۇندى
ئەردوغان ب د ت 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدىكى سۆزىدىن كېيىن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ب د ت دا قىلغان نۇتقى دۇنيا مىقياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى
ئەردوغان: پەلەستىن دۆلىتىنى بوغۇش ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ
ترامپ: غەززەگە مىلياردلارچە دوللار ياردەم قىلىنىدۇ
مىللىي بوكسچى خەتىجە ئاقباش ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا
فىرانسىيە ئۇكرائىنانى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ