جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكايىچى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكايىچى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتىرەھبەرلەر تۈركىيە – ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرگە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكايىچى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكايىچى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

رەھبەرلەر سۆھبەت جەريانىدا تۈركىيە – ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى، شۇنداقلا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۆرۈشۈشتە تۈركىيەنىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى، جۈملىدىن دۆلەت مۇداپىئە  سانائىتى، سېلىنما ۋە سودا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس تۈركىيەنىڭ ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە يەنە كۇماماتودا ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكايىچىغا يەنە بىر قېتىم تەزىيە بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
پاكىستان ئالىي سوتى قاماقتىكى سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاننى دوختۇرخانىغا يۆتكەشنى بۇيرۇدى
ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال ئۆلكىسىدىكى مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 9 كىشى ئۆلدى
خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە بىنا تېمى ئۆرۈلۈپ، 5 كىشى ئۆلدى
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىنى «ئامېرىكا زېمىنى» دەپ كۆرسەتكەن بىر خەرىتىنى ھەمبەھىرلىدى
تۈرك-ئامېرىكا تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى تۈركىيەگە F-35 سېتىشنى قوللاشقا چاقىردى
سۈرىيەدە تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا لىنىيەسىدە پارتلاش يۈز بەردى
لاۋروۋ: رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە يېڭى، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلماقتا
گۆلجۈكتە «كۆك ۋەتەن» قىزغىنلىقى: تېكنوفېستقا تىزىملىتىش باشلاندى
ئاۋسترالىيە بىلەن  ياپونىيە ھەربىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
گېرمانىيەدىكى پورت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى نۇرغۇن پورتلارغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
ئۇكرائىنانىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىشلىتەلمەيۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
فىرانسىيە ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بەرگەن تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى
جەنۇبىي كورېيە 2030-يىلغىچە قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئامېرىكادىن قايتۇرۇۋېلىشنى پىلانلىماقتا
ئاراقچى: ئىران–ئامېرىكا ئورتاق تونۇشىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىسرائىلىيە
كرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرامدۇ؟