تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇستاپا چىفتچى، قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، جىنايەتكە قارشى كۈرەشتە ئورتاق ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە «تۈركپول» ناملىق تەشكىلات قۇرۇشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. مىنىستىر چىفتچى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشىدىكى «كېچىسى ئۇخلىمىدىم، كۈندۈزى ئولتۇرمىدىم» دېگەن تارىخىي روھ بىلەن خەلقنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا تۈركىيە تەرەپ تەكلىپ قىلغان «جىنايەتكە قارشى كۈرەش كېڭىشى» قۇرۇش پىلانى ئورتاق خىتابنامىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ كېڭەش يېڭى تىپتىكى جىنايى گۇرۇھلار، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە تەرتىپسىز كۆچۈش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن كۈرەش قىلىشتا ئورتاق قابىلىيەتنى كۈچەيتىدۇ.
مىنىستىر چىفتچى كېلەر ئاي ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، مەزكۇر كېڭەشنىڭ قۇرۇلۇش ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئىنتېرپول ۋە ياۋروپولغا ئوخشاش «تۈركپول» تەشكىلاتى قۇرۇشقىلغان تەكلىپى ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى تەرىپىدىن ناھايىتى سەمىمىي قارشى ئېلىندى.



















