تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتىپ پۇقرالارنىڭ جان-مال بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرگەن ۋە رايوندىكى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتكەن ھۇجۇملىرىنى ئەڭ قاتتىق شەكىلدە ئەيىبلەيمىز. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى قايتا تەكىتلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
تەۋسىيە
باياناتتا، مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ يەمەندىكى توقۇنۇشنى ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغىمۇ زىيان يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ، ھۇسىيلار تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېزدىن توختىتىشقا چاقىرىلدى.

















