خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كىيېۋ رۇسىيەنىڭ باللىستىك راكېتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىمۇ ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
كىيېۋ رۇسىيەنىڭ باللىستىك راكېتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
كىيېۋ رۇسىيەنىڭ باللىستىك راكېتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى / Reuters

رۇسىيە 2022-يىلى فېۋرالدا باشلىغان ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياۋروپادىكى ئەڭ قانلىق توقۇنۇشقا ئايلانغان كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشتا، ئۇكرائىنانى سىستېمىلىق ھالدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە كىيېۋغا قارىتىلغان باللىستىك راكېتا ھۇجۇمىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو تېلېگرام  قانىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «پايتەختتە ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ. پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن ئايرىلماڭلار!» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

AFP ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى پارتلاش ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى ۋە ئاسماندا بىر قانچە يورۇقلۇق نۇرلىرىنى كۆرگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

رۇسىيەنىڭ بىر كۈن ئىلگىرى ئۇكرائىنانىڭ ئوتتۇرا-شەرق قىسمىدىكى دنىپروپېتروۋىسكى بىلەن شىمالدىكى سۇمى رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بۇ ھۇجۇم ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي-غەربىدىكى ۋولگوگراد  ۋە بېلگورود  رايونلىرىغا، شۇنداقلا موسكۋانىڭ كونتروللۇقىدىكى دونېتسىك رايونىغا جايلاشقان خورلىۋكاغا قىلغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن يۈز بەردى. رايون خاراكتېرلىك مەسئۇللار بۇ ھۇجۇملاردا ئۈچ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

رۇسىيە 2022-يىلى فېۋرالدا باشلىغان ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياۋروپادىكى ئەڭ قانلىق توقۇنۇشقا ئايلانغان كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشتا، ئۇكرائىنانى سىستېمىلىق ھالدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا.

ئۇكرائىنا ھۇجۇمىدىن كېلىپ چىققان زىيانلار

رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىنىڭ ۋالىيسى ۋېنيامىن كوندىراتيېۋ ئۇكرائىنانىڭ يەكشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ جەنۇبىغا قىلغان «كەڭ كۆلەملىك» ئۇچقۇچىسىز ئايورۇپىلان ھۇجۇمىدا بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كوندىراتيېۋ تېلېگرام قانىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، كراسنودار رايونىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئاسماندىن چۈشكەن پارچە قالدۇقلارنىڭ بىر قانچە ئۆيگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

ھۇجۇمدا يارىلانغان كىشىگە ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇندا زۆرۈر بولغان تېببىي ياردەملەرنىڭ قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان كوندىراتيېۋ، شەھەردىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن باشقا بىر توك لىنىيەسى ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Zelenskyy orders preemptive strikes on Russian war infrastructure, says Moscow shifting air defences
ئىزدىنىڭ
ترامپ: تۈركىيەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئەردوغان ئۈچۈن قاتنىشىمەن
ئامېرىكا تۈركىيەگە رېئاكتىپ موتور سېتىش مۇساپىسىنى تېزلەتمەكتە
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ: ئۇرۇش ھوقۇقى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى دۈشمەنگە ياردەم بەرگەنلىك
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلدى
پۇتىن: «ئۇكرائىنا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىنى رۇسىيە جەمئىيىتىنى سارىسىمىگە سېلىش ئۈچۈن قىلماقتا»
مېلونى ترامپنىڭ باياناتلىرىدىن كېيىن «قاتتىق ئەجەپلەنگەنلىكى» نى بىلدۈردى
بايراقتار: «تۈركىيە يادرو ئېنېرگىيەسى بەرپا قىلىشقا مەجبۇر»
كىم جۇڭئۇن: كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ھەر يىلى ئىككىدىن ئۇرۇش پاراخوتى ياساپ چىقىشىمىز شەرت
رۇسىيە بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 323 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى
كولومبىيە كوماندىسى كونگو كوماندىسىنى يېڭىپ، كېيىنكى ئايلانمىغا كۆتۈرۈلۈش ئۈمىدىنى ساقلاپ قالدى
رۇبىيو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى