ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «Calcalist» ئىقتىساد گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاخىرقى بىر يىلدا تۈركىيەنى ئوتتۇرا شەرقتە سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر ئاكتىيورغا ئايلاندۇرغانلىقى تەكىتلەندى. ماقالىدە: «ئەردوغان تۈركىيەنى ئوتتۇرا شەرقتە كۆز يۇمۇش قىيىن بولغان بىر ئاكتىيورغا، ئىسرائىلىيە ئۈچۈن بولسا ئەتراپىدىكى رايونلاردا بارغانسېرى تەسىر كۈچى ئېشىۋاتقان بىر رىقابەتچىگە ئايلاندۇردى» دېيىلدى.
تېل ئاۋىۋ بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇ يىلمۇ داۋاملىق يامانلاشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن گېزىت، ئىقتىساد، سودا ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەلىرىدە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئۈزۈلگەنلىكىنى، تۈركىيە سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى مايدىن بۇيان ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بىۋاسىتە سودىنىڭ «نۆل» سەۋىيەسىگە چۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك غەززە رايونىنىڭ سىرتىغا، يەنى سۈرىيە ساھەسىگىمۇ كېڭەيدى. ئەنقەرەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھۇجۇملىرىنى تۈركىيەگە قارىتىلغان تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. تۈركىيە 2024-يىلى دېكابىردا بەئس ھاكىمىيىتى يىرىمىلگەندىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ ئاساسلىق ھامىيلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى ۋە ئىككى يىل ئىچىدە سۈرىيە بىلەن بولغان سودا سوممىسىنى 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلماقتا.
ماقالىدە يەنە، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تەكلىپى بىلەن غەززە تىنچلىق كېڭىشىنىڭ قۇرغۇچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مەككە ئورتاق مۇداپىئە ئەھدىنامىسىنى ئىمزالىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ترامپنىڭ 7-8-ئىيۇل كۈنلىرى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىلدى.























