تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى مەزگىلىدە نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى»غا قاتناشقان.
مىنىستىر فىدان يىغىن دائىرىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيسەل بىن فەرھان ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىسھاق دار بىلەن كۆرۈشكەن.
يىغىندا، كېلىشىم دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەمكارلىقنى تۈزۈملەشتۈرۈش مەقسىتىدە تېخنىكىلىق قاتلامدا داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىلغان. شۇنداقلا، «ئىستراتېگىيەلىك سىياسىي ۋە مۇداپىئە كومىتېتى»نىڭ كەلگۈسىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان كېيىنكى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.























