خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تارقىلىۋاتقان ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 3 مىڭ 982 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 8 مىڭ 224 كە يەتتى.
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى

يائۇندې (ئانادولۇ ئاگېنتلىقى) – كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تارقىلىۋاتقان ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 3 مىڭ 982 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بولسا 8 مىڭ 224 كە يەتتى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن 2 مىڭ 121 كىشى ساقايغان، ئۆلۈش نىسبىتى % 48.4 بولغان.

يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەتتە ئىشتاتتىكى 63 رايوندا بىمارلارنى داۋالاش، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سەھىيە ئەترەتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئېبولا يۇقۇمى ئافرىقادا مىڭلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

بىر خىل قاناشلىق قىزىتمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېبولا ۋىرۇسى تۇنجى قېتىم 1976-يىلى سۇداننىڭ نزارا ۋە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يامبۇكۇ شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا تارقالغان يۇقۇم بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى يۇقۇم ئېبولا دەرياسىغا يېقىن بىر كەنتتە باشلانغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كېسەللىككە مەزكۇر دەريانىڭ ئىسمى بېرىلگەن.

ئېبولا ۋىرۇسى 2013-يىلى دېكابىردا غەربىي ئافرىقادا تارقالغان ئىدى. گىۋىنېيە، لىبېرىيە ۋە سېررالېئوندا 2014-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە كۆرۈلگەن يۇقۇمدا 30 مىڭ كىشىگە ۋىرۇس يۇققان ۋە بىمارلارنىڭ 11 مىڭدىن ئارتۇقى ئۆلگەن ئىدى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى ئىتۇرى ئىشتاتىدا ئېلان قىلىنغان 246 گۇمانلىق يۇقۇملىنىش ۋە 65 ئۆلۈم ۋەقەسىدىن كېيىن، 15-مايدا يۇقۇم ئېلان قىلىنغان ئىدى.

سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماي ئېيىدا پارتلىغان «بۇندىبۇگيۆ» (Bundibugyo) ئېبولا تۈرىنىڭ تېخىچە ئېنىق بىر داۋالاش ئۇسۇلى ياكى ۋاكسىنىسى يوق ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى
ژاندارما قىسىملىرىنىڭ يەرلىك روبوتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ تېكنوفېست بايرىمىدا كۆرگەزمە قىلىندى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركەتلىرى ئەزەربەيجان بىلەن 500 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى
گىرېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى: تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەندە چېكىندۇق
ئامېرىكا 23 يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىشنى تاماملىدى
تېكنوفېست بايرىمى شەرقىي جەنۇبتا ھاۋا كۆرگەزمىسى بىلەن رەڭدار تۈس ئالدى
ئىران: ئاراقچى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەكلىپىنى پەزەشكىيانغا سۇندى
تەيۋەن: خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئارال ئەتراپىدا 21 قېتىم ئۇچۇش ئېلىپ باردى
ئىسرائىلىيە  باشقا دۆلەتلەردىكى ھاماس رەھبەرلىرىگە سۇيىقەست قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارغا ئائىت ھەربىي ئۇنسۇرلار بىر تەرەپ قىلىندى»
ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس بىرمادا 50 كىشى قازا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى «قاتتىق» ئەيىبلىدى
گىرېتسىيە ئىسرائىلىيەدىن ئالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى ئاراللارغا ئورۇنلاشتۇردىمۇ؟
ئىران: ترامپ نە سۆھبەتلىشەلمەيدۇ، نە ئۇرۇش قىلالمايدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان تۈركىيە بىلەن ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
ترامپ ئىراننىڭ ئاخىرىدا «ۋاز كېچىدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى