خىتايغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى داۋاملىشىۋاتقان تەيۋەن ئەتراپىدا 21 قېتىم ئۇچۇش ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا J-10، J-11، J-16، JH-7 ۋە Su-30 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، KJ-500 تىپلىق ئالدىن سىگنال بېرىش ئايروپىلانى ۋە Y-8 EW تىپلىق ئېلېكترونلۇق جەڭ ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 21 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، بۇ ئۇچۇشلارنىڭ 15 قېتىملىقىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى تەرەپلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا سىزىقتىن ئۆتكەنلىكى، ھەمدە تەيۋەن تەرەپ «ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى (ADIZ)» دەپ ئېلان قىلغان ساھەنىڭ شىمالىي، مەركىزىي ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى قىسىملىرىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بۇ ئۇچۇشلارنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ «قوشما جەڭگىۋار تەييارلىق چارلاش» پائالىيىتى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ ۋەزىيەتنى تەقىب قىلىۋاتقانلىقى ۋە مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرغانلىقى بايان قىلىندى.
خىتاي ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىپ كېلىۋاتقان تەيۋەن 1949-يىلىدىن بۇيان ئەمەلىي مۇستەقىللىققا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئايرىلىش ۋە ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەيۋەن ئۇستىدىكى ھەربىي بېسىمىنى ئاشۇرغان بېيجىڭ ھاكىمىيىتى، ئارالنىڭ قۇرۇقلۇق بىلەن قايتا بىرلىشىشى ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا قوراللىق كۈچ ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى تەكرارلىماقتا.

























