CNN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي گۇرۇپپىلىرى تەمىنلىگەن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە باشقا جۇغراپىيەلىك سانلىق مەلۇماتلار ئىراننىڭ يېقىنقى ئايلاردا نىشان بېكىتىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان.
مەنبەلەر مەزكۇر سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىراننىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا قىلغان ۋە 3 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمنى ئېلىپ بېرىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتايدىن تەمىنلەنگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوتلارنى تەقىب قىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەنبەلەر، بۇ ئارقىلىق ئىرانغا تەۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ نىشانغا تېگىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئاشقانلىقىنى دەۋا قىلدى.
ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىدىكى نىشانغا تېگىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىدا خىتاي تەمىنلىگەن ياردەملەردىن باشقا، رۇسىيەنىڭ ياردىمىنىڭمۇ تەسىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن مەنبەلەر، ئىران كۈچلىرىنىڭ توقۇنۇشلاردا توپلىغان تەجرىبىلىرىنىڭمۇ بۇنىڭدا رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەنبەلەر خىتاي تەمىنلىگەن ياردەمنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق بېكىتىشنىڭ قىيىنلىقىنى، مەزكۇر پائالىيەتلەرنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا كۆز يۇمغانلىقى مەسىلىسىدە ئېنىقلىق يوقلۇقىنى ئىپادىلىدى.
خىتاي ۋە ئىراننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىلىرى تېمىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر بېرىش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىدى.























