سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ نۆۋەتتە ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى، ئەمما ھەرقانداق ئېھتىماللىققا پۈتۈنلەي تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
Trump: "Şu anda (İran'a) askeri harekat düzenlemek pek gerekli bir şey gibi görünmüyor"

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نۆۋەتتە ئىرانغا قارىتا يېڭى بىر ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

دونالد ترامپ ئاقساراينىڭ مەخسۇس دوكلات بېرىش زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «ھازىرقى پەيتتە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش ئانچە زۆرۈر ئىشتەك قىلمايدۇ، لېكىن بىز ھەرقانداق ئېھتىماللىققا تاقابىل تۇرۇشقا پۈتۈنلەي تەييارمىز» دېدى.

ئىران بىلەن 28-فېۋرال باشلانغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى بايان قىلغان ترامپ: «بۇ توقۇنۇشنىڭ ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. مېنىڭچە ناھايىتى يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ «ئىران تەھدىتى» گە قارشى قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ۋە تېھراننىڭ ھەرگىز يادرو قورالىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ترامپ، ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە جەرياننىڭ پات يېقىندا نەتىجىلىنىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا ھېچنېمىگە كاپالەت بېرەلمەيدۇ

يەنە بىر تەرەپتىن ترامپ بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكانىڭ پەقەت مەۋجۇت ھالەتنى قوغداۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئىران ئەكسىچە قەدەم تاشلىسا تېگىشلىك بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «ھېچقانداق نەرسىگە كاپالەت بېرەلمەيمەن، لېكىن قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولساق بارلىق ئىشلارغا پۈتۈنلەي تەييارمىز. ئەگەر مەجبۇرىيەت تۇغۇلسا، بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمىز. يېڭى بىر ئاۋىياماتكىمىز بار. ھەممىسى ئەڭ يېڭى، قالتىس ھەربىي قورال-ياراغلار بىلەن لىق تولغان. ئۇلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ترامپ، تېھران بىلەن بۇ ھەقتىكى سۆھبەتلەرنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان تىرامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى مۇزاكىرىلەشتى
غەززەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە، 12 سائەت ئىچىدە 70 مىڭ چېدىر سۇ ئاستىدا قالدى
ئامېرىكا ئىراقتىن ئىران بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى
خاقان فىدان: خەلقئارالىق تۇتاشتۇرۇشچانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيە تەشەببۇسىنىڭ ۋاقتى كەلدى
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىرانغا قارشى «تۆمۈر دەرۋازا» ۋەزىپە قىسمى قۇردى
خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى گىرەلىشىپ كەتكەن غەززە
«خەلقئارا تۈزۈمدىكى ئامېرىكا پارادوكسى» مۇزاكىرە قىلىندى
تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا
TRT World مۇنبىرى باشلاندى: ئىستانبۇلدا يەرشارى سىستېمىسىنىڭ كەلگۈسى مۇزاكىرە قىلىنماقتا
ئامېرىكا كۇبا ئارمىيەسى ۋە ئېنېرگىيە تورىغا قاراتقان يېڭى ئېمبارگولارنى ئېلان قىلدى
ناتو - ئۇكرائىنا كېڭىشى بىريۇسسېلدا جىددىي يىغىن چاقىردى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياردەمنى كېسىشىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئامېرىكانى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
4 دۆلەت ھۇسىيلارنىڭ مەدىنىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىدى
رۇبىيو ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى