31-نۆۋەتلىك دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى (COP31) نىڭ رەئىسى، شۇنداقلا تۈركىيە مۇھىت، شەھەرچىلىك ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتىنىڭ مۇھىت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ۋە ئېكولوگىيە ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مىللىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەزىز ئابدۇھەكىموۋ بىلەن كۆرۈشتى.
مىنىستىر قۇرۇم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا COP31 يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز COP31 يىغىنى مەزگىلىدە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتىنىڭ مۇھىت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى شۇنداقلا ئېكولوگىيە ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مىللىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك ئەزىز ئابدۇھەكىموۋ بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇچرىشىشىتىن كېيىن، مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە بىر ھەمكارلىق كېلىمىشى ئىمزالىدۇق. بۇ كېلىشىم ئارقىلىق، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ھاۋا ۋە سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاشلاندۇقلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش شۇنداقلا ئايلانما ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ئورتاق خىزمەتلىرىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدۇق. ئانتاليادا تېخىمۇ كۈچەيگەن بۇ ھەمكارلىقىمىزنىڭ ھەر ئىككى دۆلىتىمىزگە ۋە ئورتاق كەلگۈسىمىزگە خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.»




















