ئىران مەملىكەتلىك ئالىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى باش كاتىپى مۇھسىن رىزائى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا تېھراننىڭ كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان 7 تۈرلۈك شەرتىگە بويسۇنۇش چاقىرىقى قىلدى.
مۇھسىن رىزائى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ترامپنىڭ ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئىرانغا قارشى قوزغالغان ئۇرۇش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان خانىۋەيران قىلدى، ئەمما ۋاشىنگتون چارىسىز قىمارۋازدەك تىپىرلاپ ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.»
ئۇ، ئامېرىكانى مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.
ترامپنىڭ سۆھبەتلەرنىڭ ياخشى كېتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بايانلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان رىزائى، بۇ كۆرۈشۈشلەرنى «خىيالىي»، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى بولسا «يالغان» دەپ قارىدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا: «غەربىي ئاسىيادىكى يېڭى تەرتىپنى رەت قىلىشتىن ۋاز كەچ. ئىران ئوتتۇرىغا قويغان يەتتە تۈرلۈك شەرتكە تەسلىم بولىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىران بىلەن سۆھبەتلەرنىڭ ئىجابىي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، باسقۇچنىڭ پات يېقىندا ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە يېڭى بىر ھەربىي ھەرىكەتكە ھاجەت يوق دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاشىنگتونغا سۇنغان 7 تۈرلۈك شەرتى ئىچىدە دېڭىز مۇھاسىرىسىنى بىكار قىلىش، ھورمۇز بوغۇزىدىن سودا ۋە نېفىت كېمىلىرىنىڭ بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىر تەرەپلىمە ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، نېفىت ئېكسپورت قىلىش رۇخسىتى، توڭلىتىپ قويۇلغان مال - مۈلۈكلەرنى ئەركىن قويۇۋېتىش، يادرو ماددىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە قېلىشىغا يول قويۇش ۋە ئۇرۇشنى توختىتىش قاتارلىقلار ئورۇن ئالىدۇ.




















